باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى ئوبلاستىدا ئادەم ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش جەھەتتىكى تۇنجى ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق تاماملاندى

2016.08.23 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاۋغۇست، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئادەم ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش جەھەتتىكى تۇنجى ئوپېراتسىيە ئازادلىق ئارمىيە 11- دوختۇرخانىسىدا ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

  14- ئاۋغۇست چۈشتىن كىين 1دىن 40 مىنۇتلار ئەتراپىدا، خەن فامىلىلىك 37 ياشلىق بىر ئەر قورغاس شەھىرىدە قاتناش ھادىسىسىگە يولۇققاندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە 11- دوختۇرخانىسىغا جىددىي يەتكۈزۈپ كېلىنىپ، ئۇنىڭغا داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان. گەرچە پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىمار يەنىلا ھوشسىز ھالەتتە تۇرغان.

  19- ئاۋغۇست، 11دىن 17 مىنۇتلار ئەتراپىدا، خەن فامىلىلىك ئەر قازا قىلغان. يېرىم سائەتتىن كىيىن، خەن فامىلىلىك ئەرنىڭ بۆرەك، جىگەر، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى قاتارلىق ئەزالىرى لىق مۇز پارچىسى قاچىلانغان ساقلاش ساندۇقىغا سېلىندى، بۇ ئەزالار سەككىز سائەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزىدۇ.

  خەن ×× قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلى باش ۋە مېڭە قىسىمى زەخىملەنگەنلىكتىن، نەپەس مەركىزىدىكى ئايلىنىش سىستېمىسى زەئىپلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئائىلىسىدىكىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىمارنىڭ ئەزاسىنى ئىئانە قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. بۇ قارار، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھاياتلىققا تەشنا ئېغىر كېسەللەرگە ئۈمىد ۋە يورۇقلۇق ئېلىپ كەلدى.

  ئازادلىق ئارمىيە 11- دوختۇرخانىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئادەم ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش جەھەتتىكى تۇنجى ئوپېراتسىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قانات يايدۇرۇپ، بىمارنىڭ بىر جىگىرى، ئىككى بۆرىكى، ئىككى كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئالدى. بۇ قېتىم ئىئانە قىلىنغان ئەزالار ئايرىم-ئايرىم ھالدابەش نەپەر بىمارنىڭ تېنىگە كۆچۈرۈلدى، بۇ ئارقىلىق، ئەزالىرى زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئۈچ نەپەر بىمارنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى، ئىككى نەپەر ئەما بىمارغا قايتىدىن يورۇقلۇق ئاتا قىلىندى.ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى لۇ جېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئىلى ئوبلاستىدا ئادەم ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىشقا تىزىملاتقانلار ئاران 13 قېتىمغا يەتتى. ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى ۋە تەشۋىقات سالمىقىنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ھاياتلىقنى داۋام قىلدۇرۇشىغا ئىشىنىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر