باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە سالامەتلىك يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

2016.08.22 11:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە سالامەتلىك يىغىنى 19-ۋە 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ. خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساغلام تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، سالامەتلىك مۇلازىمىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، سالامەتلىك كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سالامەتلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى سېلىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە سالامەتلىك تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، بەزى زور مەسىلىلەرنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. توغرا ساھىيە ۋە سالامەتلىك خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشىمىز، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، سالامەتلىكنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، خەلقنى ئورتاق قۇرۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي داۋالاش ئىشلىرىنىڭ جامائەتچىللىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئادىللىقى، سىستېمىلىقى داۋاملىشىدىغان ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سالامەتلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سالامەتلىك مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز لازىم. داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنى بۇنىڭدىن ئادىل مەنپەئەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمىتى ساھەسىدە ھۆكۈمەتلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى لازىم، ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمىتى ساھەسى سىرتىدىكى بازارنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە تېببىي دورا سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، قاتتىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن تېببىي دورا سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش داۋالاش تۈزۈمى، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق بەش ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە داۋالاش بىلەن غەربچە داۋالاشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تولۇقلىشى، تەڭكەش تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىرىشىپ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات بوشلۇقى كەسپىي مۇھىتى، ئىجتىمائىي ئورنى قاتارلىق تەرەپلەردىن قول تىقىش، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ كەسىپ شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتتە تېببىي خادىملارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ئېلىمىزدىكى سەھىيە سالامەتلىك خادىملىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نۇرلاندۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تېببىي ئەخلاق، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپنىڭ ئىنتىزامچانلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى ئەڭ ياخشى سەھىيە ۋە سالامەتلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك. داۋالاشقا چېتىلىدىغان قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارغا، بولۇپمۇ تېببىي خادىملارغا زىيان يەتكۈزۈشتەك زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، تېببىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش قاتارلىق زور ۋەزىپىلەر چوڭقۇر بايان قىلىندى، بۇ زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. رايونلار، تارماقلار بۇنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادىل بولۇش ھەمدە ئامما نەپ ئېلىشنى نىشان قىلىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش كاپالىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاشنى پەيدىن-پەي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، چوڭ رېتسېپ، چوڭ تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەددىدىن ئارتۇق داۋالاش ھادىسىلىرىنى ئازايتىش لازىم. ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، داۋالاش ھەققىنى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىلارنى بېقىش مېخانىزمىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە ئىشلىرىنىڭ جامائەتچىللىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش داۋالاش تۈزۈمىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مائاش تەقسىماتى مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش كېرەك. جەمئىيەتتىكى كۈچلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، داۋالاش سەھىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، بازارغا كىرىش ئۆلچىمى، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش چېكىنى كېڭەيتىش، داۋالاش مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالەت سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دورا ئۈچۇرنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەمەللەشتۈرۈش كېرەك. ئوبوروت ھالقىلىرىنى قىسقارتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ئۆلچىمى ۋە جۇڭگو ماركىسىنى يارىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر