باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: ئىنتىزامغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان يولداشلارغا يېنىك جازا بېرىش ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈچۈن

2016.08.22 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتى 21-ئاۋغۇست كەچ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، <تۆت خىل ھالەت>نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك (6): <ئۈچنى ئۆزگەرتىش> يۆنىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنۇلار دېيىلدى: ھېچقانداق كىشى باشلىنىشتىلا ئىنتىزام-قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش ھاڭىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ، پارتىيە تەشكىلى كادىرلارنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى ئاڭلىغاندا بېسىپ قويماي، بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەرگە ئەسكەرتىش بېرىپ ئۇرۇپ تۇرسا، ئۇنى تەشكىلگە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرتسا ياكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا تەنقىدلىسە ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدلەتكۈزسە، مەسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئىنتىزامغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان يولداشلارنى تەشكىلىي تەڭشەش ياكى ئۇلارغا يېنىك جازا بېرىش كېرەك، بۇنداق جازالاش ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە شۇ كادىرنىڭ ئۆزىگە بولغان زىيىنىنى زور دەرىجىدە ئازلىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر