باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن: ساد سستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش رايون تىنچلىقىنى بۇزىدۇ

2016.08.19 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى ئەمگەك خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئوبزورچى ماقالىسىدا: ئامېرىكىنىڭ كورىيەگە ساد سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى رايون تىنچلىقىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى بۇزىدۇ ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە ئىستىراتىگيىلىك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دېيىلدى.

  ئوبزۇردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كورىيەگە ساد سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك يارو كۈچىنى ئاجىزلىتىپلا قالماستىن يەنە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىن تۇتۇپ تۇرۇشتەك ھەربىي ئىستىراتىگىيىسىنىڭ مەھسۇلى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئولكيانغا قايتىدىن قايتىپ كېلىش ئىستىراتىگىيىلىك دۆلەت مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن چىقىرىلغان. ئامېرىكا ئامېرىكا-ياپونىيە-كورىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئاسىيا نۇسقىسىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-رۇسىيەنى مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە ئالماقچى.

  شۇ كۈنى چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى يەنە ماقالە ئېلان قىلىپ، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشى ۋە ئەيىبلىشىگە قارىماي، مەقسەتلىك ساد سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق رايىغا قارشى يول تۇتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر