باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 1- ئۆكتەبىردىن باشلاپ بىر تۇتاش يۈرۈشلۈك كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

2016.08.19 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- ئاۋغۇست جۇڭگو بىرلەشمە تور-ئالاقە گوروھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى مەزكۇر گوروھنىڭ بىر تۇتاش يۈرۈشلۈك كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن، شىركەتنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى تارماق شىركەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇناسىپ ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىكەن، ئومۇمىي ھەققى مەزكۇر گوروھنىڭ بىر تۇتاش يۈرۈشلۈك ھەققىگە قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.

  جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان G3 ۋە 4G يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرى بۇندىن كېيىن ئاساسەن ئۇزۇن يوللۇۇق، شەھەر ئىچى ۋە كەزمە بىر گەۋدىلەشكەن ھەق ئېلىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇزۇن يوللۇق ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدىغان بولدى. يېقىنقى مەزگىلدە، ئىستىمالچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھەرخىل يۈرۈشلۈكلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھەر خىل مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەق ئېلىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق تۆۋەنلەتتى، كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش چىقىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىستىمالىنى ئاشكارا قىلىش ئۈچۈن، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ھازىر بار بولغان كەسپلەر ئاساسىدا گوروھنىڭ بىر تۇتاش يۈرۈشلۈك كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى يەنىمۇ بىكار قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر