باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق جۇڭگو ئەلئارا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى باشلاندى

2016.08.18 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ئاۋغۇست، 2016- يىللىق «ئۆرۈك يۇرتى لوڭقىسى . مەن پۇتبولنى سۆيىمەن» جۇڭگو ئەلئارا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى ۋە شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سەككىز تۈرلۈك ئاممىۋى تەنتەربىيە يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسى غۇلجا ناھىيىلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلاندى، نەق مەيداندا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى مۇسابىقىگە مەدەت بەردى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئالتە كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ش ئۇ ئا ر تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، غۇلجا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، غۇلجا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ھەمكارلاشقان.

  « مەن پۇتبولنى سۆيىمەن» جۇڭگو ئەلئارا چىمپيونلۇقنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 2015- يىلى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىنى جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر مەيدان ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، پۇتبول ئارقىلىق دوستلىشىش خاسلىقىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى ئەلئارا پۇتبول مۇسابىقە ئىشلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلغان.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان كوماندا شىنجاڭغا ۋاكالىتەن 10- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، ھەمدە يىل ئاخىرىدا مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر