خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسەنسۇكيى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-بىرمىنىڭ تاغ-سۇلىرى تۇتاش، قېرىنداشلىق، دوستلۇق مېھرى چوڭقۇر. سىز بىرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىڭىزگە ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگونى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتىپاقىدىن باشقا تۇنجى زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت قىلغانلىقىڭىز، بۇ بىرما ھۆكۈمىتى ۋە سىزنىڭ ئېلىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈردى، جۇڭگو بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت قانداق ئۆزگەرسۇن، جۇڭگو-بىرما باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولدى. جۇڭگو-بىرما-ھىندىستان ئورتاق تەشەببۇس قىلغان تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىگە ئايلاندى. جۇڭگو بىرمىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىشى ۋە مىللەتلەرنى ياراشتۇرۇش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ. بىرما بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىپ، ھۆكۈمەت، پارلامېنت، پارتىيە، ئارمىيە، يەرلىك، ئىجتىائىي تەشكىلات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى