باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ

2016.08.19 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىدە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. 1-مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم يىغىنلىرى ۋە ئاپتونون رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى خىزمىتى مەخسۇس يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سىستېمىسىدىن مەسىلە چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. 2-بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئىش قاتارىغا قويۇپ، ئەتراپلىق، كۆپ قاتلاملىق، مەخسۇس بىلەن قوشۇمچە بىرلەشتۈرۈلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش، قوغداش تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ. 3-مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈندىلىك تەكشۈرۈش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەم يوشۇرۇن خەتەرلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىك خىزمىتىدە بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بۇدالا سارىيى بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ؛ شىزاڭ مۇزېيى مەبلەغ جۇغلاپ، ئوت ئۆچۈرۈش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ؛ لۇبۇلىنكا ئىبادەتخانىسى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. 4-زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا-سانائەت، تاموژنا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىق كۆپ تارماقلار بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قوزغاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايى ھەرىكەتلىرىگە باشتىن-ئاخىر زەربە بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر