باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.08.19 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدا مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا، تۇنجى قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاكتىپلىقى، ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ تەييارلىقى تولۇق، تەشكىللىنىشى پۇختا بولۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ بىر تۈركۈم تەجرىبە ئۇسۇلى يەكۈنلەندى، لېكىن يەنىلا قىسمەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ ساقلانغانلىقى بايقالدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر