باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان ھەمدە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قارار قىلىندى

2016.08.19 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 16- ئاۋغۇست گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەخسۇس نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تاشقى سودىنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىمپورت–ئېكسپورتنى مۇقىم ياخشىلىنىشقا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان ھەمدە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قارار قىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى باغلاش ھەمتۈرتكە مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسى تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش بېكىتىلدى.

  يىغىندا، 2016- يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان ھەمدە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، جۈملىدىن ئارخىپى تۇرغۇزۇلمىغان، ئەمما ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنىمۇ كەچۈرۈم قىلىش، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردىكى شەرتكە توشقان ئوقۇغۇچىلارغا شۇ جايدىكى ئوخشاش تۈردىكى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ياردەم بېرىش قارار قىلىندى. بۇ سىياسەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەڭ نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر