خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەرىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 17-ئاۋغۇست جۇڭنەنخەي زىگۇاڭ راۋىقىدا گوۋۇيۈەننىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خې شيۇرۇڭ، شى يۇڭ، خې ماۋچۈن، كې جىنخۇا، شۈ شيەنپىڭ، خي پېييۈەن ۋە مەركىزىي مەدەنىيەت-تتارىخ تەتقىقاتخانىسىنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلەنگەن ليۇ پېڭجى، گې جيەنشيۇڭ، جاڭ شېڭيۇ، ۋاڭ مىڭمىڭلارغا تەكلىپنامە تارقىتىپ كۆپچىلىكنى تەبرىكلىدى.
لى كېچياڭ مەسلىھەتچىلەر ۋە مەسئۇللار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى ۋە مەدەنىيەت-تارىخ سارىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەنىڭ بىرلىكسەپ فاڭجېن، سىياسەتلىرى بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلىرى ۋە مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات سارىيى مەسئۇللىرىنىڭ بىلىمى مول، نەزەر دائىرىسىنى كەڭ بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە سىياسەت جەھەتتىكى تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى 1-مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلىرى ۋە مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات سارىيى مەسئۇللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ تەكلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئايلىنىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلما ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئشقا ئاشۇردى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. بىراق ھازىر خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى خىرىسى كۆپىيىپ، يېڭى-كونا زىددىيەتلەر ئارىلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش بېسىمى ئېشىۋاتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قلدۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى «ئىككى قىيىن»، ھەتتا «كۆپ قىيىن» مەسىلىلەرنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ۋە يېڭى يۈزلىنىشى، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى قانداق ياخشى ئىگىلەش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىگىرى سۈرۈش، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تېمىلارنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، پىكرى چوڭقۇر، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، سالمىقى يېتەرلىك، قوللانغىلى بولىدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى