باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

سەككىز تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.08.18 13:14   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17 - ئاۋغۇست بېيجىڭ خەلق سارىيىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى سىياسەت، ئەسلىھە، سودا، مەبلەغنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشقا، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق تورى، يېڭىچە ھەمكارلىق ئەندىزىسى، كۆپ مەنبەلىك ھەمكارلىق سۇپىسى شۇنداقلا يېشىل، ساغلام، ئاقىل، تىنچ يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىخ روھى بىلەن داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ،«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق لىنىيە بويىدىكى ئەل خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سەككىز تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتلەر ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر بولۇشقا ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى كۆزلەپ، نۇقتىلىق يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق دۆلەت ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئومۇمىي كۆپەيتكۈچنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر خەلقىگە بەخت يارىتىش كېرەك. جۇڭگو، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزى، قولايلىق ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرۇشىنى، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىققا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككىنچى، پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت سىياسەت، تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەتبىقلاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش، ئىقتىساد-سودا كەسىپلەر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى، سانائەت يادرولۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تىرىكى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەل تۈرلەرنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. ئۈچىنچى، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز-ئوكياننى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى كارخانىلىرىنى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئېلىمىزگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ گۈللىنىشىنى قارشى ئېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، غەربىي رايوننى ئېچىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلارنى قەد كۆتۈرگۈزۈش، شەرقىي رايوننى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېگرا بويلىرىنى ئېچىش-ئېچىۋېتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىپ، شەرقىي ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، ھالقىلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، ئىقتىساد-سودا كەسىپلەر ھەمكارلىق رايونلىرىنى تۇتقا قىلىپ، بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، بالدۇر ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. بەشىنچى، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە سۇپىسى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل مۇلازىمەت قىلىدىغان، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان پۇل مۇئامىلە كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىي ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا، مەدەنىيەت ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يەتتىنچى، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى پائال تەشۋىق قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئىلمىي تەتقىقاتى، نەزەرىيە تىرىكى، سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سەككىزىنچى، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك خەۋپىنى باھالاش، كۆزىتىپ ئۆلچەپ سىگنال بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەدبىرلەرنى ھەر بىر تارماق، تۈر ئىجرا قىلغۇچى ھەر بىر ئورۇن ۋە كارخانىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىن ئىخلاسىمىز ۋە مېھرىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولىمىز
    ·شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىچكى ئۆلكىلەرگە 1866 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى 
    ·ئەردوغان تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى
    ·قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى كېلەر يىلى 1 – ئايغىچە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئايدىڭ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىززىق لېنىيە تېلېفونى ئېچىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشىنىڭ ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى
    ·«مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلىم ئىشلىرىدىكى چوڭ تۈرلەرنى تۇرغۇزۇش، باشقۇرۇش چارىسى» چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ئۇدا بەش يىل مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى