باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوغان تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى

2016.08.16 15:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 4 – ئاۋغۇست ئۆتكەن ئايدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىشقا چېتىشلىق. ھازىر ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان ‹‹گۈلەن ھەرىكىتى››نىڭ رەھبىرى فەتھۇللا گۈلەننى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

  تۈركىيەنىڭ 21 – ئىيۇلدىن بۇيان جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا ئون كۈندىن ئاشتى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جامائەت پىكرىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. تەھلىلچىلەر: بۇ تەدبىرلەر زۇڭتۇڭ ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ ھەم ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۆزلەپ كەلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە زۇڭتۇڭ تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق، دېدى.

  ئارمىيەنى كونترول قىلىش

  15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئارمىيە ئىچىدە چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ باردى. 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي قاماپ قويۇلدى، تەخمىنەن %40 يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

  زۇڭتۇڭ ئەردوغان ۋە زۇڭلى يىلدىرىم يېقىندا يەنە قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىنى زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىلگىرى قوراللىق قىسىمغا قاراشلىق بولغان ژاندارما، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسىمى، ئارمىيە دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارمىيە سىستېمىسىغا قارىتىلغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيەنىڭ ئالىي ھەربىي ئورگىنى ئالىي ھەربىي كومىتېتى مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى كۆپەيتتى، ھەربىي بازىلارمۇ تۈركىيەدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ مەركىزىدىن باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلىدۇ.

  تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى نۇمان كۇلتۇلمۇس: ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىشتا ئاساسلىقى مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى كۆپەيتىپ، يەنە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىندى، دېدى.

  تەھلىلچىلەر: يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارمىيەنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇردى، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ ئارمىيەنى باشقۇرۇش يۈزلىنىشى گەۋدىلەندى، زۇڭتۇڭ ئەردوغاننىڭ ئارمىيەنى كونترول قىلىشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، دېدى.

  ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش

  سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئامما ئىجتىمائىي داۋالغۇش ۋە ھەربىيلەرنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىشىغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى قاتتىق ساقلىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ ئاساسىي ئېقىمدىكى ئەلرايى سەۋەبلىك سىياسىي ئۆزگىرىش بىر كۈندىلا مەغلۇپ بولدى، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا قول ئېلىشىپ ئىتتىپاقلاشتى.

  سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەپ، دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى يەنە جۇمھۇرىيەتچىلەر خەلق پارتىيەسى قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن بىرلىكتە 24 – ئىيۇل ئىستانبۇلدا سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى تەشكىللىدى.

  ئەردوغان 25 – ئىيۇل ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاساسىي قانۇنغا كىچىك دائىرىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى باشلاش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن، ئەردوغان بارلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تەھلىلچىلەر: ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى يېنىغا تارتىش ئارقىلىق ئەردوغان بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھوقۇقى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيدى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىمۇ باشلاندى، دېدى.

  بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش

  ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈشنىڭ تۈركىيەنىڭ جانلىنىۋاتقان ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىش – كۆرسەتمەسلىكى تۈركىيە ۋە چەت ئەل ئەربابلىرى دىققەت قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى سىياسىي كىرىزىسنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش، بازارغا بولغان ئىشەنچنى مۇقىملاشتۇرۇش، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىر قوللاندى.

  15 – ئىيۇلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تۈركىيە لىراسىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى زور نىسبەتتە داۋالغۇپ، پاي چېكى باھاسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى بازار ئۆزگىرىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەپ، بانكىنى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ھەرىكەتچانلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى.

  تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى مۇھەممەد سىمسېك ھۆكۈمەت تەرەپ تىۋېتتېر تورى ئارقىلىق مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جىددىي ھالەت كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە تىجارىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. تۈركىيەنىڭ ماكرو ئىگىلىكى كۈچلۈك بولۇپ، ھازىر ئۇچرىغان زەربىگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتىدۇ. ھۆكۈمەت بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇۋاتىدۇ، چەت ئەلنىڭ ئەندىشە قىلىشى ھاجەتسىز.

  زۇڭتۇڭ ئەردوغان 2 – ئاۋغۇست تۈركىيەدىكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە: تۈركىيە ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانمايدۇ، شۇنداقلا جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈش سەۋەبلىك دۆلەت ئىقتىسادىغا ئارىلاشمايدۇ.

  ئىقتىسادشۇناس بورا يىلماز: لىرانىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە قايتا ئۆرلەش كۆرۈلدى ھەم تەدرىجىي تۇراقلاشماقتا، پاي چېكى بازىرىمۇ جانلىنىۋاتىدۇ، بۇ تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ بازارنىڭ ساغلاملىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغانلىقى، بازار كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

  قارشى پىكىرلەرنى تۈگىتىش

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوللانغان ھەم جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ‹‹ياۋروپا ئىنسانىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى››نى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى، ئەردوغان يەنە ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، دەپ داۋراڭ سالدى. غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، مەملىكەت ئىچى جامائەت پىكرىدىمۇ گۇمانلار كۆپ بولدى.

  ئەردوغان چەت ئەلنىڭ بېسىمىنى پەسەيتىش، قارشى پىكىرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بىر مەيدان جامائەت پىكرى قايتۇرما جېڭى تەشكىللىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان زۇڭتۇڭ ئەردوغان، زۇڭلى يىلدىرىم، مۇئاۋىن زۇڭلى كۇلتۇلمۇس، شۇنداقلا دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى زۆرۈر ھەم قانۇنىي ئاساسقا ئىگە، ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يەنىمۇ تەرتىپكە سېلىنىدۇ، دېدى.

  ئەردوغان يەنە 7 – ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا بىر مەيدان كاتتا يىغىلىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردا يېرىم ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى يىغىلىشنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ تېز مەغلۇپ بولۇشى ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەردوغان بىلەن تەرەققىيات ۋە ئادالەت پارتىيەسى ئارمىيەنى قايتا تەرتىپكە سېلىش، پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاش، كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈپ جەمئىيەت ۋە جامائەت پىكرىنى تىزگىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، بۇ تەدبىرلەر ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۆزلەپ كەلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە زۇڭتۇڭ تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ئاساس سالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر