خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: گۇاڭشىنىڭ داخۇا ناھىيەسى بەنشېڭ يېزىسى نوڭيوڭ كەنتىدە، يەتتە ياشلىق لەن گۈيجىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ، قوناق يايماقتا. ئۇنىڭ ئائىلىسى يېقىندا تاغدىن يول بويىغا كۆچۈپ كەلدى. (7-ئاۋغۇست تارتىلغان سۈرەت).
گۇاڭشى داخۇا ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى كارست يەر شەكلىگە تەۋە بولۇپ، قاتناش قولايسىز، دۆلەت نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان نۇقتىلىق ناھىيە ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلارنى يۆلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، داخۇا ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، بالىلارنىڭ يازلىق تەتىل تۇرمۇشىمۇ نامراتلارنى يۆلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى؛ تاغلىق ماشىنىسى، ھەرخىل مودا ئويۇنچۇقلار، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ تاغدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كىردى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىلارمۇ يازلىق تەتىلدە قوي بېقىپ، قوناق يىغىپ، ئائىلىسى ئۈچۈن كۈچى يەتكەن ئىشلارنى قىلىشىپ بەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى