باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 11- تۈركۈمدىكى ئاتالمىش چەت ئەل ۋە تاغ قەلئەسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

2016.08.17 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ئاۋغۇست، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 11- تۈركۈمدىكى ئاتالمىش "چەت ئەل ئىجتىمائىي تەشكىلاتى، تاغ قەلئەسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتى" دېگەندەك ساختا تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

  11- تۈركۈمدىكى "چەت ئەل ئىجتىمائىي تەشكىلاتى"، " تاغ قەلئەسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتى"نىڭ تىزىملىكىدە، جۇڭگو ساغلام يېمەكلىكلەر جەمئىيىتى، جۇڭگو پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇق كارخانىچىلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كىچىك، مىكرو ۋە ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە جەمئىيىتى، جۇڭگو مېيگۇي كارخانىچىلار ئىتتىپاقى، جۇڭگو مائارىپشۇناسلار جەمئىيىتى، جۇڭخۇا ئەدەبىيات-سەنئەت جەمئىيىتى، جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش جەمئىيىتى، جۇڭگو تۆۋەن كاربونلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو ئانا-بوۋاقلار كەسپىي جەمئىيىتى، جۇڭگو يۇقىرى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئاپتوموبىل كەسپىي جەمئىيىتى، جۇڭگو شەھەر-يېزا ھاللىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى، جۇڭگودىكى داڭلىق ماركىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيە جەمئىيىتى، جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات جەمئىيىتى، جۇڭخۇا يەر شارائىتى جەمئىيىتى، جۇڭگو پالنامە ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بار.

  ھازىرغا قەدەر، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئەل ئىچى تەشكىلات باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، "چەت ئەل ئىجتىمائىي تەشكىلاتى"، " تاغ قەلئەسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتى "دېگەندەك ساختا تەشكىلاتتىن جەمئىي 1135 بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ماركىسى ۋاسىتىچى جەمئىيىتى، خەلقئارا ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش جەمئىيىتى دېگەندەك "چەت ئەل ئىجتىمائىي تەشكىلاتى" ۋە " قەلئە ئىجتىمائىي تەشكىلاتى"دىن ئىبارەت بەش ساختا تەشكىلات ئىناۋەتسىز قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر