باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتتە تارماق ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يالغان ئۆي، قالايمىقان ھەق ئېلىش قاتارلىقلارنى رەتلىدى

2016.08.17 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ يېقىندا «ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كەسىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ۋاسىتىچىلىك بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەت بويىچە 16 تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇشقا تىرىشتى.

  ۋاسىتىچىلىك تىجارەت قىلمىشىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن. «پىكىر» تۈزۈم لايىھەسىدە تۆۋەندىكىلەرنى بېكىتتى:

  ئۆي ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ۋاسىتىچى ئۆي ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆي-زېمىن مەسئۇل تارماقلىرىغا بېرىپ ئۆي ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ ، ئېلان قىلغان ئۆينىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ساتقىلى بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۆي ئەھۋالىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى تۈزۈش كېرەك. ۋاسىتىچى ئۆي ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغاندا ئۆي ئەھۋالىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى تۈزۈپ، ئۆي ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى، ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى توختام نومۇرى، ئۆينىڭ ئورنى، كۆلىمى، مۈلۈك ھوقۇقى ئەھۋالى، بازارغا سېلىنغان باھاسى، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى، ئۆينىڭ سۈرىتى قاتارلىقلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك.

  ئۆي ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋاسىتىچى دۇكان، تور پونكىتى قاتارلىق ئوخشىمىغان يوللاردا تارقاتقان ئوخشاش ئۆينىڭ ئۇچۇرى بىردەك بولۇشى، مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى يازمىچە ھاۋالە قىلمىغان ئۆي ئۇچۇرىنى ئېلان قىلماسلىقى، ئۆي سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان رەنىگە قويۇش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يوشۇرماسلىقى كېرەك.

  سېتىلىپ بولغان ئۆينىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈش كېرەك. سېتىلىپ بولغان ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەرنى، سودىدا پۈتۈشكەن ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ياكى ئىجارە توختامى ئىمزالىغان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە ئۆي ئۇچۇرىنى دۇكان، تور پونكىتى قاتارلىقلاردىن ئۆچۈرۈشى؛ ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئۆيلەرنى، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە ئۆي ئۇچۇرىنى دۇكان، تور پونكىتى قاتارلىقلاردىن ئۆچۈرۈشى كېرەك.

  ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ھەق ئېلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «پىكىر»دە باھاسىنى ئېنىق يېزىش، ئالاقىدار تەرەپ ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋاسىتىچى تىجارەت سورۇنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە بارلىق مۇلازىمەت تۈرى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، ھەق ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ھەر بىر مۇلازىمەت تۈرىگە ئايرىم باھا بېكىتىشى؛ مۈلۈك ھوقۇقى نامىنى يۆتكەش، قەرز ئېلىشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى ھاۋالە قىلغۇچى ئىختىيارىي تاللىشى ۋە ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى توختامىدا كېلىشىشى؛ 12358 باھا نازارەت سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر