باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈچ تىياتىرى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىگە پائال تەييارلىق قىلماقتا

2016.08.16 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىز تەييارلىغان ئۈچ نادىر ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان تەڭرىتاغ»، چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇقام تەسىراتلىرى» ۋە ئۇسسۇللۇق تىياتىر «باياۋاندىكى ياشلىق» قاتارلىق ئۈچ نادىر نومۇر شىنجاڭغا ۋاكالىتەن 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈچ تىياتىرنىڭ ئارتىسلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ مەشىق قىلىپ، كۆرەككە پائال تەييارلىق قىلماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى 16- ئاۋغۇستتىن 14- سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان تەڭرىتاغ»، 2009- يىلى «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس» - شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى چىن دىلىدىن بېقىپ قاتارغا قوشقانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان. تىياتىردىكى ھەنىپە «ئانا» رولىنى جۇڭگونىڭ لىرىك يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچىسى دىلبەر يۇنۇس ئالىدىكەن. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن «مۇقام تەسىراتلىرى»دا ئون ئىككى مۇقام ۋە يەرلىك مۇقاملارنىڭ كىلاسسىك ئارىيەلىرىنى توپلاپ، ھازىرقى زامان كۆپ ۋاسىتە تېخنىكىسى، سۈرەت ئىشلەش قاتارلىقلار بىلەن مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، قەدىمىي مىللىي مەدەنىيەت گۆھىرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى. «باياۋاندىكى ياشلىق» ناملىق بۇ بىڭتۈەن تارىخىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئۇسۇللۇق تىياتىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرەككە قاتناشتۇرىدىغان نۇقتىلىق نومۇرى بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «مۇقام تەسىراتلىرى» 8- ئاينىڭ 19- ، 20- كۈنلىرى مېي لەنفاڭ تىياتىرخانىسىدا، «باياۋاندىكى ياشلىق» 8- ئاينىڭ 21- ، 22- كۈنلىرى بېيجىڭ تيەنچياۋ تىياتىرخانىسىدا، «مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان تەڭرىتاغ» 9- ئاينىڭ 8- ، 9- كۈنلىرى باۋلى تىياتىرخانىسىدا قويۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر