باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يەر ئاستى سەرەپخانا ئۇۋىسىدىن 192نى بىتچىت قىلدى، چېتىلغان سوممىسى 200 مىليارد يۈەنگە يەتتى

2016.08.17 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، يەر ئاستى سەرەپخانا جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە چەت ئەللىكلەر شىركىتى ۋە يەر ئاستى سەرەپخانىسىدىن پايدىلىنىپ ھارام پۇل يۆتكەشكە مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى ھازىرغا قەدەر سەرەپخانا ۋە پۇل يۇيۇش چوڭ دېلوسىدىن 158نى پاش قىلىپ، 450 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان، يەر ئاستى سەرەپخانا ئۇۋىسىدىن 192نى بىتچىت قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 200 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر