باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش سىزىقى 1160 يۈەن ئۆستى

2016.08.17 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 16- ئاۋغۇست 2016- يىللىق بېيجىڭ شەھىرى كەسىپىي مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ كەسىپىي مائاش يېتەكچى سىزىقى19 ساھەگە چېتىشلىق. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ تۆۋەن مائاش كاپالەت سىزىقى 21 مىڭ 320 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 1160 يۈەن ئۆسكەن. بۇ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1720 يۈەن ۋە بۇ يىل 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1890 يۈەن بويىچە ئۇنىۋېرسال ھېسابلانغان يىللىق سەۋىيە بولىدۇ.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپى قاتارلىق كەسىپتىكىلەرنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنى، 19 ساھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى نورمال بولغان، پايدا ئېلىش ئىقتىدارى ياخشى كارخانىلارنىڭ 2015- يىللىق سېتىش كىرىمى، كەسىپكارلارنىڭ ئەمگەك ﮬﻪﻗﻘﻰ قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن پىششىقلاپ رەتلەش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي رولى ۋە ئىقتىدارى بولسا، ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەردىكى كارخانىلارنىڭ ئۆز ساھەسىنىڭ ﻣﺎﺋﺎش ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ سىزىقىدىن پايدىلىنىشقا ياردەم بېرىپ، ئۆز كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئۆسۈش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى بىلەن كارخانىلارنىڭ قوشۇمچە قىممىتى ۋە سېتىش كىرىمى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر