تەنھەرىكەتچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى رەسىملىرىدە، بىزنىڭ كۆرۈشىمىزچە، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاش بىر ھالەتتە: يەنى، ئالتۇن مېدالنى چىشلەپ سۈرەتكە چۈشىدۇ. راستىنى دېگەندە، بۇ ئوراش قەغىزى ئىچىدىكى شاكىلات ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مېتال بۇيۇم، تەنھەرىكەتچىلەر نېمە ئۈچۈن ئالتۇن مېدالنى چىشلەشنى بۇنچە ياخشى كۆرىدۇ؟ بۇ ئەھۋال ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.
بۇنىڭ بىر ئېنىق سەۋەبى بولسا، بۇ فوتوگرافچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل سۈرەتكە تارتىش شەكلى. «فوتوگرافچىلار بۇ خىل ئوبرازغا ئىنتايىن مەپتۇن بولغان»، خەلقئارا ئولىمپىك تارىخشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى داۋىد ئاۋلى كىنېسگىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئۇلار بۇنى بىر خىل بەلگە خاراكتېرلىك رەسىم دەپ قارايدۇ، بەلكىم بۇنداق رەسىم بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئەگەر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۆزى تاللىسا، ئۇلارنىڭ راستىنلا شۇنداق قىلىشى ناتايىن».
ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئولىمپىك مۇسابىقە مەيدانىدا تۇنجى ئالتۇن مېدالنى چىشلىگەن ئادەم بولسا، 1984- يىلى لوس-ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بىر ئامېرىكىلىق سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى ئىكەن، ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ چېمپىيون بولغاندىن كېيىن ئالتۇن مېدالنى ئاغزىغا سېلىپ، كۈچەپ تۇرۇپ چىشى بىلەن بىرنى چىشلىگەن، نۇرغۇن فوتوگرافچىلار بۇ مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، بۇ، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى كلاسسىك قىزىقارلىق خەۋەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
ئەينى چاغدا كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇنى بۇ ئالتۇن مېدالنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى دەپ قارىغانىدى، چۈنكى قەدىمكى زاماندا، كىشىلەر ئادەتتە تىللانى چىشى بىلەن چىشلەپ ئۇنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرەتتى، ئالتۇن قانچە ساپ بولسا، تىللا شۇنچە يۇمشاق بولاتتى. لېكىن بۇ تەنھەرىكەتچى كېيىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا ئۇ شۇنچە كۆپ سۈرەت مۇخبىرلىرىنىڭ فوتو ئاپپاراتىنى ئۆزىگە توغرىلانلىقىنى كۆرۈپ، بىر قىسقا خەۋەر پەيدا قىلىشنى ئويلىغان، شۇنىڭ بىلەن توساتتىن كەلگەن ئەقىل بىلەن بۇ ھەرىكەتنى ئويلاپ تاپقان.
ئەلۋەتتە، ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى ساپ ئالتۇندىن ياسالمىغان. خەلقئارا ئولىمپىك تارىخشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى تونى بەيكېرىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، پەقەت 1912- يىلىلا ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ‹ئالتۇن مېدال›نىڭ كۆپ قىسىم ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى كۈمۈشكە ئالتۇن يالىتىش ئارقىلىق ياسالغان.»
ئامېرىكا تېمپېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە پروفېسسورى فرانك فارلېينىڭ قارىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مېدالنى چىشلەپ قويۇشى، پەقەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلغۇچىلارنىڭ ئادىتىگە ئەمەل قىلىشى ھىسابلىنىدۇ. «ھەر بىر تەنھەرىكەتنىڭ ئۆزىگە خاس ھەۋىسى بولىدۇ، ئەگەر سىز غەلبە قىلغۇچىلار ئېقىنىغا قوشۇلماقچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭمەكچى بولسىڭىز، سىز چوقۇم غەلبە قىلغۇچىلار قىلغان ئىشنى قىلىشىڭىز كېرەك.»
بۇنىڭدىن سىرت، فارلېينىڭ قارىشىچە، «ئالتۇن مېدالنى چىشلەش» غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ قىياپىتىنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئەمەس. بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق سىزنىڭ ئالتۇن مېدالىڭىز يالغۇز سىزگىلا مەنسۇپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭىز بىلەن نەتىجىلىرىڭىز ئارىسىدا مەلۇم بىر خىل ھېسىيات بىلەن بىرلىشىدۇ. «تەنھەركەتچىلەر مېدالغا چىشىنىڭ ئىزىنى قالدۇرغاندا، ئۇلار مېدالغا شەخسلىشىش بەلگىسىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ - نېمىلا دېگەن بىلەن چىش ئىزى خۇددى بارماق ئىزىغا ئوخشاش بىردىنبىر بولىدۇ. ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ‹چولپان›غا نىسبەتەن تېخىمۇ ئالاھىدە بولغان چۈشىنىشى ۋە تۇيغۇسى بولىدۇ. مېدالنى چىشلەپ ئىز قالدۇرۇش، خۇددى ئۆز نامىنى ئۈستىگە ئويۇپ قويغانغا ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى