باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.08.17 08:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- ئاۋغۇست، ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە ساياھەت ھەمكارلىق يەرمەنكىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستان خۇسۇسىي ساياھەت تەشكىلاتى جەمئىيىتى بىرلىكتە باشچىلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ساياھەت شىركىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى قۇربانوپ، جۇڭگو دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ ياۋروپا-ئامېرىكا باشقارمىسى مۇئاۋىن باشلىقى سۈي كې يىغىنغا قاتناشتى، ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى.

  مەجلىستە، ئۆزبېكىستان ساياھەت تەشكىلاتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاسىموۋ ساياھەت ھەققىدە مەخسۇس تېمىلىق تونۇشتۇرۇش سۆزى قىلدى. ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ مول ساياھەت بايلىقى، چوڭقۇر تارىخىي ئاساسى، كۆپ مەنبەلىك دىنىي مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە ھاراق-شاراپلىرى، ھەمدە مۇكەممەل ئۇل مۇئەسسەسەلىرى، 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر سەمەرقەنت قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەۋسىيە قىلدى، دالا مۇزېيى دەپ ئاتالغان خىۋە، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بۇددا دىنى تارقىتىش مەركىزى تەرمەز قاتارلىق ساياھەت مەنزىرىلىك جايلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، جۇڭگودىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشىنى سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

  جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت تەۋەسىدىن كەلگەن چوڭ تىپتىكى ئون نەچچە ساياھەت شىركىتى بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر