باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بەشىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

2016.08.17 16:17   مەنبە: خەلق تورى

بەشىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەشىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى مەدەنىيەت-تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن تىڭشيوڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يىن پېييەن قاتارلىق رەھبەرلەر بېكەتكە چىقىپ كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا ئەڭ بۇرۇن كەلگەن مىللى رايون ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەمدە بۇ نۆۋەتلىك كۆرەكتىكى بېيجىڭغا كېلىپ ئويۇن قويىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ئۆمەك بولۇپ، ناخشا-ئۇسسۇلۇق تىياتىر «مېھىر بىلەن تەڭرىتاغنى ئىللىتىش» ۋە ئۇسسۇللۇق داستان «مۇقام تەسىراتلىرى» قاتارلىق ئىككى نومۇر ئېلىپ كەلدى. تۆنۈگۈن «مۇقام تەسىراتلىرى» نومۇرىنى ئورۇنلايدىغان 107 كىشى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئاخبارات-نەشىرىيات- رادىيو-كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمېتى ئۇيۇشتۇرغان بەشىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى 8- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەگەن 35 ۋەكىللەر ئۆمىكى 43 نومۇر بىلەن بۇ نۆۋەتلىك كۆرەككە قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ نومۇرلار باۋلى تىياتىرخانىسى، مىللەتلەر تىياتىرخانىسى، مېي لەنفاڭ تىياتىرخانىسى قاتارلىق تىياتىرخانىلاردا ئوينىلىدۇ. كۆرەكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى «رەڭدار جۇڭخۇا» خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 8- ئاينىڭ 17- ۋە 18- كۈنلىرى ئىككى مەيدان ئوينىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇپ، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ نادىر تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، تەڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش»تەك ئېسىل ئەنئەنىسىنىڭ ئەينەن كارتېنىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى 
    ·ئەردوغان تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى
    ·قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى كېلەر يىلى 1 – ئايغىچە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئايدىڭ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىززىق لېنىيە تېلېفونى ئېچىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشىنىڭ ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى
    ·«مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلىم ئىشلىرىدىكى چوڭ تۈرلەرنى تۇرغۇزۇش، باشقۇرۇش چارىسى» چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ئۇدا بەش يىل مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى
    ·100 نەپەر نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ
    ·ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشتى