باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«ئالتۇن مېدال» ھەقىقەتەن مۇھىم ئەمەسمىكەن؟

2016.08.18 10:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7- ئاۋغۇست، جوڭگو ماھىرى جاڭ مىڭشۆ 2016-يىللىق رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا جوڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى

  كونىلار مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئىش قىلىش كېرەك، دەپ ناھايتى ياخشى ئېيتقان. ئەگەر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىش ۋە كىشىنى روھلاندۇرۇش بولسا، جۇڭگو تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى ئىدى، دېسەك، ئۇنداقتا تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتىدىن تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەش بولسا، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئۈستىگە ئالىدىغان تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدۇ.

  مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بىز 80- يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد كىشىلەر جۇڭگو تەنتەربىيىسىگە ئەگىشىپ چوڭ بولغان. 1984- يىلى شۈ خەيفىڭ تۇنجى ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەندىن باشلاپ، تاكى 2008- يىلى جوڭگو كوماندىسى ئالتۇن مېدال سانى بويىچە بىرىنچى بولغانغا قەدەر، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىرلىكتە تېلىۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغاننى كۆرۈپ، دۆلەت شېئىرى ئورۇندالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەقىقەتەن چەكسىز خوشاللىققا چۆمدۇق. بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا، جوڭگو كوماندىسىنىڭ ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىز، دەل بىز چۈشەنگەن «تېخىمۇ تىز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك» بولغان ئولىمپىك روھى بولسا كېرەك.

  بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ يېرىمى تۈگەپ بولدى، بەزى تاراتقۇلار «ئالتۇن مېدال كۆپ ئەمەس، يارقىن نۇقتىلار نۇرغۇن» دىگەن باھا ئارقىلىق، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىپادىسىگە باھا بەردى. مىس مېدالغا ئېرىشكەن فۇ يۈەنخۇي ئۆزىنى «مىسلىسىز كۈچ ئىشلەتتىم» دىگەنلىكى ئۈچۈن، باش بەتتىكى خەۋەرگە ئايلاندى، جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسىنىڭ ئەزاسى چېن كەينىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا خې زىغا توي تەكلىپى قويغانلىقى ئالقىشلاندى، بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقە ۋە ئالتۇن مېدالغا بولغان چۈشىنىشى ۋە ئىپادىلىشى ئاللىقاچان ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدى، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر بۇ خىل ئۆزگىرىشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

  تەنتەربىيە ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلىدىغان دۆلەت ئوبرازى، مىللەتنىڭ روھىي ھالىتى، ئىنسانىي روھ، ئىجتىمائىي قىممەت قاتارلىقلارغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئالتۇن مېدال ئاللىقاچان بىردىنبىر ئاساس بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانى پەقەت كۈچ سىنىشىش مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»ىنىڭ گەۋدىلىنىشى. بىز جۇڭگونىڭ تېخىمۇ ئوچۇق ۋە تىنىچ پوزىتسىيە بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئۆزگىرىش ۋە سىناقلارغا يۈزلىنىشىنى كۆرۈشنى، ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلالمايدىغان بولۇشىنى كۆرۈشنى، ھەر بىر تىرىشقان تەنھەرىكەتچىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ بارغانسېرى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىشىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز.

  لېكىن، توردىكى بىرقىسىم پىكىرلەرگە باھا بېرىش زۆرۈر. بەزى كىشىلەر، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالى مۇھىم ئەمەس، پەقەتلا جۇڭگوغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرلا ئالتۇن مېدالغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەمما، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا پەرۋا قىلمايدۇ، دەپ قاراشماقتا. توغرا، بىز پەقەت ئالتۇن مېدالغىلا دىققەت قىلساق بولمايدۇ، لېكىن، ئەگەر بىز «ئالتۇن مېدال ھەممىدىن ئەلا نەزەرىيەسى»دىن «ئالتۇن مېدالنىڭ كېرىكى يوق نەزەرىيىسى»گە ئېغىپ كەتسەك، بۇ بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا قاراپ ماڭغانلىق بولىدۇ. شۇنداق دېيىش كېرەككى، ئالتۇن مېدال يەنىلا مۇھىم، ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشقا زىيادە ئارىلىشىشى ۋە ئىجتىمائىي بايلىقنى ھەددىدىن زىيادە دۆۋىلەش نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن ئالتۇن مېدال بولسا، ئالتۇن مېدالنىڭ ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئەسلى مەنىسىدىن چەتنەپ كەتكەن بولىدۇ.

  ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە ماھىرلىرى كۈچ سىنىشىدۇ، ئەگەر ئۈستۈنلۈك تالاشمىسا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نېمىشقا كېلىدۇ؟ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بەس-بەستە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى تالىشىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ يېڭىش-يېڭىلىشنى، قەھرىمانلىقنى تالاشمىسا، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ رىقابەت مۇناسىۋىتى ئاجىزلاپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى جاننى تىكىپ ئېلىشىدىغان قايناق ھېسىيات سۇسلىشىپ كېتىدۇ. ئالتۇن مېدالنى تالىشىش جەريانىدا تەنتەربىيە روھىنى نامايان قىلىش ۋە تارقىتىش، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى مەنىۋى قاتلىمىغا بولغان ئىنتىلىشى.

  ئەڭ مۇھىمى، ئالتۇن مېدالنى تالىشىش ۋە ئاممىۋى تەنتەربىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارىمۇقارشى ئەمەس. بىر تەرەپتىن، ئاممىۋى تەنتەربىيە تەرەققىيات ئەھۋالى جانلىنىپ، مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە توختىماي سېلىنمىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ تەنتەربىيە روھىنى چۈشىنىشى بارا-بارا پىشىپ يېتىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بولسا، بىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغانلىقتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ئەمەس، بۇ، ئۇ بولمىسا بۇ، دەيدىغان مۇناسىۋەت ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۆزى شۇغۇللىنىدىغان تەنھەرىكەتنى كېڭەيتىشى ۋە غايەت زور چولپان ئېففېكتى، ھەمدە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتىنى ھاسىل قىلىشى بولسا، چوقۇم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشىغا پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  پەلەك چۆرگىلەپ، دەۋر ئۆزگەردى، ئالتۇن مېدالنىڭ ئاممىۋى مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرىكى «شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىسى»دىن بۈگۈنكى «تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتى»گە، ئاندىن كەلگۈسىدىكى «تەنتەربىيە ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش»قىچە، جۇڭگو تەنتەربىيەسى خۇددى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ بىر ئەينىكىگە ئوخشاش، دۆلەتنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان تارىخىي ئىزنالىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىنى تېگىشلىك ئورۇنغا قايتۇرۇپ كېلىش لازىم، ئۇنى ئىلاھىيەت مۇنبىرىگە چىقىرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنداقلا ئۇنى دەسسەپ چەيلەشكىمۇ بولمايدۇ، بۇ بەلكىم بىز ئىنتىلىدىغان پوزىتسىيە، يەنى، تەنتەربىيە ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پوزىتسىيىسى بولۇشى مۇمكىن.(مەرھابا ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر