- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىنىڭ ۋېسكونسىن ئىشتاتىنىڭ مىلۋوك شەھىرىدە كېچىدە يول يۈرۈش مەنئىي قىلىندى
2016.08.17 09:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ ۋېسكونسىن ئىشتاتىنىڭ مىلۋوك شەھىرىدە ئۇدا ئىككى كۈن مالىمانچىلىق يۈز بەرگەنلىكتىن، بۇ شەھەرنىڭ باشلىقى تانمۇ بارىت 15-ئاۋغۇست مەزكۇر شەھەرنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ كېچىدە يول يۈرۈشىنى مەنئىي قىلىشنى، كېچىدە يول يۈرۈشنىڭ كەچ سائەت 10 دىن باشلىنىپ، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىر قارا تەنلىك ياش 13-ئاۋغۇست بۇ شەھەردىكى ساقچىلار توسقاندا قېچىپ كەتكەن،ئۇنى قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا ساقچىلار ئۇنى ئېتىپ تاشلىغان. ئاپتوموبىلدىكى يەنە بىر كىشى قولغا ئىلىنغان، يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇ ۋەقە شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى قوزغىدى.
بارىت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كېچىدە يول يۈرۈشنىڭ نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر