- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جيۇچۈەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىگۇ كانىنىڭ توشۇش تۈز خاڭ يولىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ توققۇز ئادەم قاپسىلىپ قالدى
2016.08.17 16:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شۇ يەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 16- ئاۋغۇست سائەت 16دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، جيۇچۈەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىگۇ كانىنىڭ توشۇش تۈز خاڭ يولىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، توققۇز ئادەم قاپسىلىپ قالدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جيايۈگۇەن شەھىرى، جاڭيې شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ۋە كان قۇتقۇزۇش ئەترىتى نەق مەيدانغا جىددىي يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇشنى ئېلىپ باردى، گەنسۇ ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارمۇ نەق مەيدانغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە : خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر