- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە پاراخوتى ئوتتۇرا يەر دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى
2016.08.17 09:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە قارا دېڭىز فىلوتى بىلەن ئوتتۇرا يەر دېڭىزدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئۇرۇش ئەترىتىنىڭ كۆپلىگەن پاراخوتلىرى 15- ئاۋغۇست ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى مەلۇم دېڭىز ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى رۇسىيە پاراخوتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ چەكلىمىدە ئەمەلى ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى ۋە توپقا تۇتۇش ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مەشىقىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت دېدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قارا دېڭىز فىلوتىنىڭ پاراخوتلىرى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى يولغا چىققان بازىلىرىغا قايتىدۇ.
رۇسىيە قارا دېڭىز فىلوتىنىڭ ئىككى مۇھاپىزەتچى پاراخوتى كالبىر ناملىق يېڭى تىپتىكى دېڭىزدا چارلىغۇچى ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېلىپ بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قاتناشقان. بۇ چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا 2015- يىلى رۇسىيەنىڭ كاسپى دېڭىزى فىلوتىدىن قويۇپ بېرىلىپ سۇرىيەدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ كۆپلىگەن نىشانلىرىنى ۋەيران قىلغان ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر