- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى رايون قوغدىنىش قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى
2016.08.17 09:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى گىل 15-ئاۋغۇست، جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ رايون قوغدىنىش قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە مەزكۇر رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گىل مۇنداق دېدى: جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا قارىتا ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقارمىدى، قاراردا جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 12-ئاۋغۇست قارار ماقۇللاپ، جەنۇبىي سۇدانغا ئەۋەتىلىدىغان ئالاھىدە ئۆمەكنىڭ ئەسكىرى سانىنى 17 مىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرگە كۆپەيتشنى، بۇنىڭ ئىچىدە رايون قوغدىنىش قىسىمنىڭ 4 مىڭ ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشنى قارار قىلدى. جەنۇبىي سۇداننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مارۋات قارار ماقۇللانغاندىن كىيىن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قاراردا رايون قوغدىنىش قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىرنى ئويلاشمىدى، جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر