- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىم مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تېخنىكا بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلغانلار باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ
2016.08.18 08:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئېلىمىزنىڭ كارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىم كەسپىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بويىچە، " 13- بەش يىللىق پىلان" مەزگىلىدەكارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىم كارخانىلىرى كارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىم كەسىپلىرىنى بەرپا قىلىدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلغانلار، باجدا داۋاملىق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
كارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىم ئىشلەيدىغان كارخانىلارنىڭ ئىچىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىرى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ، كارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىملىرىنىڭ بىۋاسىتە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا، ئىمپورت قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغان ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلغانلار 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، تاموژنا بېجى ۋە ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. باج سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان كارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىم كارخانىلىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تۈزىگەن كارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىم كارخانىلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، شۇنداقلار ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ، كارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ بىۋاسىتە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان قابىلىيىتى بولۇشى كېرەك. كارتون فىلىم-ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ بىۋاسىتە بۇيۇملىرى ھەجۋىي رەسىم، كارتون، توردىكى كارتون-ھەجۋىي رەسىم، تېلېفوندىكى كارتون-ھەجۋىي رەسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە : خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر