باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

"چولپانلار خەير-ساخاۋەت كېچىلىكى" تۆت يىل ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرگە مىڭدىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئىئانە قىلدى

2016.08.18 08:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىللىق "BAZAAR چولپانلار خەير-ساخاۋەت كېچىلىكى" 9- ئاينىڭ 9- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2016- يىللىق "BAZAAR چولپانلار خەير-ساخاۋەت كېچىلىكى" كۆزىنى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو نامرات تاغلىق رايونلارغا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئىئانە قىلىشقا تىكىپ، جۇڭخۇا سىيۈەن قۇرۇلۇش نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، "مېھرىبانلىق ئۈچۈن سۈرئەتنى تېزلىتىش" نامىدىكى سىيۈەن. BAZAAR نامرات تاغلىق رايونغا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئىئانە قىلىش تۈرىگە ياردەم بېرىپ، نامرات تاغلىق رايونلارنىڭ "ئەۋەتىشىگە ئاپتوموبىل يوق" ئەھۋالنى ھەل قىلىدۇ.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ 42%ى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ۋە يەنە شۇ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىققا قايتىپ كەتكەن، ھالبۇكى، ھازىرقى باسقۇچتىكى نامرات چەت ياقا تاغلىق رايونلاردا بولسا، ھەر 100 مىڭ ئادەمگىمۇ بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى توغرا كەلمەيدىكەن. بۇ ھالەت دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىقى 2012- يىلى ئېلان قىلىنغان "دوختۇرخانىغا كېرىشتىن بۇرۇنقى داۋالاش جىددىي قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش چارىسى"دا بەلگىلەنگەن ھەر 50 مىڭ ئادەمگە بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى سەپلەش ئۆلچىمىدىن خېلىلا يىراق. ئادەم ئېغىر زەخىملىنىش تۈپەيلىدىن كۆپ قان ئېقىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ تۆت سائەت ئىچىدە ئوبدان ۋە ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرىگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇتقۇزۇشنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  "BAZAAR چولپانلار خەير-ساخاۋەت كېچىسى" 2012- يىلىدىن باشلاپ، ئۇدا تۆت يىل دۆلەت دەرىجىلىك بىر قانچە نامرات ناھىيەگە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئىئانە قىلدى. ھازىرغا قەدەر، BAZAAR خەير- ساخاۋەت فوندى 1008 ئاپتوموبىل ئىئانە قىلدى، ئۇلارنى 400دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرگە تارقاتتى، ئۇنىڭدىن نەپ ئەلغان ئومۇمىي نوپۇس سانى 160 مىليون ئادەمدىن ئاشتى، ئىئانە قىلغان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى خەتەرلىك ئېغىر كېسىلى بار بىمارلار، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار، يارىدارلار ۋە نامرات ئامما ئۈچۈن ھەر يىلى 300 مىڭ ئادەم (قېتىم) داۋالاش جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر