باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ پولات-تۆمۈر قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2016.08.17 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 16-ئاۋغۇست گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىدىكى ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بېكىتىلگەن نىشان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ تاشقى سودىنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ ۋە قارتا تۇرغۇزۇپ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە باغلاش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار بەلگىلەندى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، مەملىكەت بويىچە بىر قېتىم پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىدىكى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنىڭ سۈرئەت تەلىپى ۋە ۋاقتى بويىچە ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھازىرقى يەرلىك ۋە كارخانىلارنىڭ پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىدىكى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەخسۇس تەكشۈرۈشتە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئەمەلىي چېكىندۈرۈلىشى، قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ تۈرلەرنى ئېنىقلاش، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ىقتىدارىنى قاتتىق تىزگىنلەش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇكاپات ۋە تولۇقلىما مەبلەغنى غەملەپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، يەرلىكنىڭ مۇھىت، سۈپەت، بىخەتەرلىك، سەرپىيات، دۆلەت زېمىنى، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلاردىكى قانۇن ئىجراسى ۋە ئۆلچەمگە يېتىشنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىپ قايتا تەشكىللەش، تىپىنى ئۆزگەرىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قانۇنلاشتۇرۇش ۋە بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاشكارىلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ساختىپەزلىك ۋە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش مېخانىزمىنى ئەمەلىىيلەشتۈرۈپ، تەجرىبە ۋە ياخشى ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرىشى كۈچلۈپ بولمىغان، سۈرئىتى ئاستا ۋە ئىشلەپچقىرىش ئىقتىدارىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېڭىدىن كۆپەيتكەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئېغىر مەسىلىلەر ئۈستىدە كېلىشىپ سۆھبەتلىشىپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن يىللىق قاتتىق ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر