باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

نېمە ئۈچۈن زۈنيى يىغىنى بىر ئۇلۇغ بۇرۇلۇش دېيىلىدۇ؟

2016.08.17 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: زۈنيى يىغىنىنىڭ كونا ئادرېسى (ماتېرىيال سۈرەت).

  1943- يىلى، جاڭ ۋېنتيەن ئىستىل تۈزىتىش خاتېرىسىدە مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى يازدى: «زۈنيى يىغىنىنىڭ پارتىيەمىز تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى بار. زۈنيى يىغىنى بولمىغان بولسا، قىزىل ئارمىيە بو گۇ، ئوتتو براۋننىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرىۋەرگەن بولسا يېڭىلىپ، چېچىلىپ كېتەتتى، پارتىيە مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە زور تۈركۈمدىكى كادىرلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرايتتى. زۈنيى يىغىنى جىددىي پەيتتە پارتىيەنى، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى».

  بۇ بىر مۇھىم شاھىدنىڭ زۈنيى يىغىنىدەك بۇنداق بىر زور تارىخىي ۋەقەگە بولغان ئەينەن باھاسىدۇر.

  زۈنيى يىغىنى ئالدىدا، پارتىيە، ئارمىيە ئىچىدە «سولچىل» خاتالىقنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇش كۈنسىرى ئايدىڭلاشتى

  زۈنيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەشىنچى قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇشنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىر قاتار زىيانلىرىغا دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ شياڭجياڭ ئۇرۇشىدىن كېيىن، قىزىل ئارمىيەدىكى كەڭ كوماندىرلارنىڭ «سولچىل» خاتالىققا بولغان نارازىلىقى ۋە گۇمانى يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ئىلگىرى «سولچىل» خاتالىقنى قوللىغان بىر قىسىم پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەرمۇ ماۋ زېدوڭ ۋەكىللىكىدىكى توغرا بولغان ھەربىي ئىشلار لۇشيەنىنى تونۇشقا باشلىدى.

  قىزىل ئارمىيە زادى قاياققا مېڭىشى كېرەك؟ بۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن تالاش-تارتىش يەنىلا داۋاملاشماقتا ئىدى.

  زۈنيى يىغىنىدا، ماۋ زېدوڭنىڭ توغرا تەشەببۇسى يىغىنغا قاتناشقان كۆپ ساندىكى يولداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى

  1- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى زۈنيىدا كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى. بۇ قېتىملىق يىغىن مەڭگۈلۈك تارىخ بېتىگە كىرگۈزۈلدى. يىغىننىڭ مەركىزىي تېمىسى بەشىنچى قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش مەغلۇبىيىتىنى خۇلاسىلەش ۋە ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى زىياندىن ساۋاق ئېلىش بولدى.

  يىغىندا ماۋ زېدوڭ سۆز قىلىپ، بەشىنچى قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بو گۇ، ئوتتو براۋننىڭ ھەربىي ئىشلار قوماندانلىقىدىكى بىر قاتار خاتالىقلىرىنى سىستېمىلىق ئانالىز قىلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشىنىڭ ئىسراتېگىيەلىك تاكتېكا مەسىلىسى ۋە نۆۋەتتە قوللىنىشقا تېگىشلىك ھەربىي ئىشلار فاڭجېنىنى كونكېرت بايان قىلدى.

  ئارقىدىن ۋاڭ جياشياڭ سۆز قىلىپ، بو گۇ، ئوتتۇ براۋننىڭ خاتالىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ماۋ زېدوڭنىڭ توغرا پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىنغا قاتناشقان جۇ ئېنلەي، جۇ دې، ليۇ شاۋچى قاتارلىق كۆپ قىسىم يولداشلارمۇ سۆز قىلىپ، بو گۇنىڭ دوكلاتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ماۋ زېدوڭ، جاڭ ۋېنتيەن، ۋاڭ جياشياڭنىڭ پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  زۈنيى يىغىنىدىن كېيىن، «يېڭى ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپا» ھەربىي ئىشلار قوماندانلىقىغا تولۇق ھوقۇقلۇق مەسئۇل بولدى

  1- ئاينىڭ 17- كۈنى كېچىدە، زۈنيى يىغىنى ئاخىرلاشتى. يىغىندا مۇنداق تۆت تۈرلۈك قارار چىقىرىلدى: بىرىنچى، ماۋ زېدوڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلاندى؛ ئىككىنچى، جاڭ ۋېنتيەن «زۈنيى يىغىنى قارارى»نى تەييارلاشقا كۆرسىتىلدى؛ ئۈچىنچى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى؛ تۆتىنچى، بو گۇ ۋە ئوتتۇ براۋننىڭ ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق ھوقۇقى بىكار قىلىندى. ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، جۇڭگو ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابى تەسىس قىلدى، جۇ دې قوماندانلىققا تەيىنلەندى، ماۋ زېدوڭ سىياسىي كومىسسارلىققا تەيىنلەندى. ئۈچىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يەنە ماۋ زېدوڭ، جۇ ئېنلەي، ۋاڭ جياشياڭ ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق گۇرۇپپىسى («يېڭى ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپا» دەپ ئاتىلىدۇ) قۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىشنى قارار قىلدى.

  زۈنيى يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي جەھەتتە پىشىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى

  زۈنيى يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيە تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ بۇرۇلۇش.

  جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك پەيتىدە، زۈنيى يىغىنى «سولچىل» ھەربىي ئىشلار خاتالىقى ۋە مەزھەپبازلىق تەشكىلىي خاتالىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىپ، ۋاڭ مىڭ ۋەكىللىكىدىكى «سولچىل» تەۋەككۈلچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىدىكى تۆت يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ماۋ زېدوڭنىڭ مەركەز ۋە ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پارتىيەنى قايتىدىن ماركسىزمنىڭ توغرا يولىغا ماڭدۇردى.

  بۇ قېتىملىق يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇستەقىل ھالدا جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە ئىنقىلابىي ئۇرۇشتىكى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە پىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىىنى پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكېرت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئۇزۇن سەپەر غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئاساس تىكلەپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر