خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 8- ئاينىڭ 15- كۈنى داليەن شىمالىي بېكىتىدە تارتىلغان جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك تېز پويىزى.
شۇ كۈنى G8041 قېتىملىق پويىز داليەن شىمالىي بېكىتىدىن يولغا چىقىپ، شېنياڭ بېكىتىگە يۈرۈپ كەتتى. بۇ دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك تېز پويىزىنىڭ تۇنجى قېتىم يولۇچىلار بىلەن يۈرۈشى بولۇپ، 2015- يىلى 6- ئايدا پۈتكەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك تېز پويىزى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، پۈتۈن پويىز سىنىقى، ئىلمىي تەجرىبە، قۇرۇق يول يۈرۈش، تەقلىدىي يولۇچى توشۇش قاتارلىق سىناق-تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى تاماملىدى. سىناق-تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلچەم تەلىپى ۋە يول يۈرۈش تەلىپىگە ماس كېلىپ، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك تېز پويىزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك، راھەتلىك ۋە ھەر تۈرلۈك ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرى ۋە ئىشلىتىشكە ماسلىشىشچانلىق، مۇقىملىق، ئىشەنچىلىكلىكى، ياسىلىش سۈپىتى قاتارلىقلار ھەممە جەھەتتە لايىھە تەلىپىگە يەتتى، ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، يول يۈرۈش لېنىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، يولۇچى توشۇش شەرتىنى ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى