باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «چارە» تارقاتتى

بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تەكشۈرۈلىدۇ

2016.08.19 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكشۈرۈش چارىسى» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشنى بېكىتتى، بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  «تەكشۈرۈش چارىسى»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىخەتەرلىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي قىلىشقا بولمايدۇ، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىدىن ساقلىنىش، توسۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

  «تەكشۈرۈش چارىسى» 16 تارماققا بۆلۈنۈپ، تەكشۈرۈش مەقسىتى، دائىرىسى، پىرىنسىپى، تەرتىپى، نەتىجىسى قاتارلىق ئىشلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، تۈزۈلمە-مېخانىزم، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇل قۇرۇلۇش قاتارلىق تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرى بېكىتىلدى. باھالاپ نومۇر قويۇشتا 100 نومۇر تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەلا، ياخشى، لاياقەتلىك، لاياقەتسىز تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەنگە مەلۇم قىلىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ ۋە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەلا بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەقدىرلىنىدۇ؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر ئاينىڭ ئىچىدە تۈزىتىش تەدبىرى تۈزۈشكە بۇيرۇلىدۇ ۋە گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا يازمىچە دوكلات بېرىدۇ. تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ساختىپەزلىك قىلغان، يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ئورۇنلار ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ تۈزىتىشكە بۇيرۇش، ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش، تۆۋەنلىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق جازا بېرىلىپ، ناچار تەسىر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر