باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «<13-بەش يىل> لىق مېيىپلەرنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىش پىلان تېزىسى» نى تارقاتتى

2016.08.18 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لىكچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «<13-بەش يىل> لىق مېيىپلەرنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىش پىلان تېزىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تېزىس» دېيىلىدۇ) نى تارقىتىپ، مېيىپلەرگە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش، مېيىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېيىپلەنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئورتاق بەھرلىنىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «تېزىس» تا تۆۋەندىكىدەك ئالتە جەھەتتىكى ئاساسىي ۋەزىپە وتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچىدىن، يېزىلاردىكى نامرات مېيىپلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نۇقتىلىق ئوبيېكتى قىلىپ، سىياسەتلەرنى تۈرلەر بويىچە يولغا قويۇپ، نامراتلارنى دەل جايدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن ئۆز قەرەلىدە قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ مېيىپلەر ئاساسىي پاراۋانلىق تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش سىياسىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مېيىپنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىككلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشتەك دەۋر ئېقىمىغا كىرىشىگە، ئەمگەك ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مېيىپلەر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەربىيەلەش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، توسالغۇسىز بولۇش قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى تۈرىنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەر قاتنىشىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت ۋە دوستانە مۇھىت يارىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق--مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇن-نىزاملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈشنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەرنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، مېيىپلەرنى چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش، غەمخورلۇق قىلىش، يارەم ېرىشتەك قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، مەيىپلەر خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ۋە مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ ھاللىق جەمئىيەتكە يېتىشىنى تېزلىتىشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەر كىنىشكىسى تارقىتىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، مېيىپلەرنى ھاللىق سەۋيىەگە يەتكۈزۈشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر