باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ماۋ زېدوڭ نېمە ئۈچۈن چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈشنى ئۆزى قوماندانلىق قىلغان «پەخىرلىنىدىغان ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» دەپ ئاتىغان؟

2016.08.19 13:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1960- يىلى، ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مارشالى مونتگومېرىي جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ماۋ زېدوڭ قوماندانلىق قىلغان لياۋنىڭ-شېنياڭ، خۇەيخەي، بېيجىڭ-تيەنجىن ئۈچ چوڭ ئۇرۇشىنى دۇنيا تارىخىدىكى ھەرقانداق بۈيۈك ئۇرۇش بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ، دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. بىراق ماۋ زېدوڭ «چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش مېنىڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشىم»، دېگەن.

  چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا گۈيجۇ، سىچۈەن، يۈننەن ئۈچ ئۆلكە چېگرالانغان جايدىكى چىشۈي دەرياسى ۋادىسىدا گومىنداق ئارمىيەسى بىلەن قىلغان يۆتكىلىشچان ئۇرۇش بولۇپ، بۇ ھەم زۈنيى يىغىنىدا ماۋ زېدوڭ قارار چىقىرىش يادروسىغا كىرگەندىن كېيىن قوماندانلىق قىلغان تۇنجى ئۇرۇش ھەرىكىتى.

  چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىن بۇيانقى پاسسىپ ھالىتىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى ئەڭ تىترىتىدىغان ھەم ئەڭ نادىر بولغان بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكىتى. بۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ بەشىنچى قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇشى مەغلۇب بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زور غەلبىسى بولۇپ، ئۇزۇن سەپەردىن بۇيانقى پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلەشتەك ئىستراتېگىيەلىك نىشان ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغانلىقى ئىدى.

  بۇ غەلبە ماۋ زېدوڭ ۋەكىللىكىدىكى توغرا ھەربىي ئىشلار لۇشيەنىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى. ئۇرۇش مەزگىلىدە، ماۋ زېدوڭ جۇ ئېنلەينىڭ ھەربىي ئىشلار قوماندانلىقىدىكى «ياردەمچىسى»دىن ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابىنىڭ سىياسىي ئەزاسىغا ئايلانغان، كېيىن پارتىيەنىڭ ئۈچ كىشىلىك ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بولسۇن ياكى نام جەھەتتە بولسۇن، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرغان ئىدى.

  ماۋ زېدوڭنىڭ ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق سەنئىتى موللىشىپ تەرەققىي قىلغان ئىدى

  جىڭگاڭشەندىكى مەزگىل ۋە مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى تايانچ بازىغا تايىنىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشقا ئوخشىمايدىغىنى، چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش تايانچ بازىدىن ئايرىلىپ، ئارقا سەپ تايانچ يوق، دائىم نەچچە ھەسسە، ھەتتا ئوننەچچە ھەسسە كۆپ بولغان گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ قورشىۋېلىش، قوغلاش، توسۇپ قويۇشىغا دۇچ كېلىشتەك قىيىن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا ماۋ زېدوڭنىڭ ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق سەنئىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاكتېكىسى يەنىمۇ موللاشقان ۋە تەرەققىي قىلغان ئىدى، گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ پىيادە تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىش ئىقتىدارىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، «يۆتكىلىش» بىلەن «ئۇرۇش قىلىش» بىرلەشتۈرۈلگەن. ماۋ زېدوڭنىڭ قوماندانلىقىدا، قىزىل ئارمىيە پاسسىپلىقنى ئاكتىپلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش يۆنىلىشى ۋە ئۇرۇش رايونىنى ئەركىن ئۆزگەرتىپ، نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك دۈشمەن ئارىسىدا ئۇيان-بۇيان يۈرۈپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇش پۇرسىتىنى ياراتقان ياكى ئىزدىگەن ئىدى، ھەمدە دۈشمەننى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، ئۇرۇش مەيدانىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا ئالغان ئىدى.

  چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش، جۇڭگو ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش تارىخىدىكى ئاز كۈچ بىلەن كۆپ دۈشمەننى يېڭىش، پاسسىپلىقنى ئاكتىپلىققا ئايلاندۇرۇشتىكى تىپىك ئۇرۇش مىسالى بولۇپ، «ماۋ جۇشى ئۇرۇشقا ئىلاھلارچە قوماندانلىق قىلىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئەينەن كارتېنىسى بولۇپ قالدى، بۇنى ماۋ زېدوڭ ئۆزىمۇ ھەربىي ئىشلار ھاياتىدىكى ئەڭ «پەخىرلىنىدىغان قوماندانلىق تاكتېكىسى»، دەپ ئاتىغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر