باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسىدە ئۈچ چوڭ ئۆزگىرىش بولدى

2016.08.18 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسىدە ئۈچ چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، كۆچمە ئىنتېرنېت تورى، APP، كۆچمە چىقىمدان قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار، يېڭى تەدبىقلانمىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئاپتوموبىل، ياتاق، مەھەللە مۇلازىمىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق يېڭى ئىقتىسادى فورماتسىيە ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، كۆپلىگەن يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئېلىپ كەلدى. ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ھېسابلىشىغا قارىغاندا، 2015- يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولغان ئىقتىسادى بازار كۆلىمى تەخمىنەن 195 مىليون يۈەن بولۇپ، تولۇق ۋەزىپىلىك كەسىپكارلىرى تەخمىنەن 10 مىليون، سۇپىدىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر 140 مىليوندىن ئاشقان ئىكەن.

  ئىككىنچى، ئىستېمال دەرىجىسى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ساھەسى ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮرۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. مائارىپ، كۆڭۈل ئېچىش، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش تىپىدىكى ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ سىجىل ئۆسۈشى، نۇرغۇن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى جەلپ قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مائارىپ، كۆڭۈل ئېچىش، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش ئېھتىياجى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 57.1%، 40.2%، 13.6% ئاشتى.

  ئۈچىنچى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2015- يىلى، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر شۇ مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان. شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھىرىدە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، 22 مىڭ دېھقاننىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولدى، 87 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىۋاسىتە جەلپ قىلغان. 2012- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، خۇبېي ئۆلكىسىدە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولغانلارنىڭ سانى 16 مىليون 750 مىڭدىن 34 مىليون 140غىچە كۆپەيگەن بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 27% ئاشتى.

  دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مۇھىم نۇقتا، ئاجىز ھالقا، ئاساسىي ھالقىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر