باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا كىرېدىتى تەكشۈرۈلگەن كارخانىلارنىڭ تىزىملىكى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى

2016.08.19 09:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى يېقىندا 2016- يىلى سودا كىرېدىتى تەكشۈرۈلگەن كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈلگەن كارخانىلار ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىش ۋە سودا كىرىم-چىقىم كۆلىمىگە ئاساسەن تاللانغان، بۇ يىل تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كارخانا جۇڭگو ئورمانچىلىق شىركىتى، جۇڭگو ئاشلىق، ياغ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەردىن جەمئىي 16 مىڭ 439ى بار بولۇپ، ئومۇمىي سانى ئىلگىرىكى بىلەن تەڭلەشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 11 مىڭ 851 كارخانا يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشقان، 4588 كارخانا ئايلىق تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. ئايلىق تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كارخانىلار بىلەن يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كارخانىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئايدا ۋە يىلدا سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا تەڭ ئېتىبار بەردى.

  ئىگىلىنىشچە، جۇڭگونىڭ سودا كىرېدىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى 2004- يىلىدىن باشلانغان. بۇ يىل 1- ئايدا، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ خىل تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلدى، ھەمدە "دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ’سودا كىرېدىتى تەكشۈرۈش تۈزۈمى‘ توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى"نى تارقاتتى، يېڭى تۈزۈم بۇ يىل 1- ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر