باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى موڭغۇل ئېتى روھىنى كۈچەپ جارى قىلدۇردى

2016.08.19 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەت تەكشۈرگەندە ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ــ چىداملىق، توختىماي ئالغا چاپىدىغان موڭغۇل ئېتىغا ئوخشايدۇ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ــ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ۋەزىيەتنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا مەسىلىنىڭ نىشانى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئبارەت بۇ جەڭدە غەلبە قىلىش ئۈچۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن موڭغۇل ئېتىنىڭ روھىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ئاتنى دىۋىتىپ،ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشى كېرەك، 2013-يىلىنىڭ بېشىدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىچكى موڭغۇلنى پايتەختكە كاپالەتلىك قىلىدىغان، شىمالىي جۇڭگو ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدىىغان، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن پاكىز ئېنېرگيە چىقىرىش بازىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇھىم زامانىۋىي كۆمۈر ئىشلەپىچقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ،رەڭلىك مېتال ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە زامانىۋىي جابدۇق ياسىمچىلىقى قاتارلىق يېڭىچە كەسىپلەر بازىسى،يېشىل دېھقانچىلىق، چارۋىچلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، چىقىرىش بازىسى يايلاق مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان، ئۆزگىچە شىمالىي چېگرا رايونى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ساياھەت سەيىلىگاھى ، ئىستىراھەت دەم ئېلىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.بەش چوڭ بازا قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققى قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى، ئاپتونوم رايون ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بايلىق ئۈستۈنلىكىگە ئاساسەن دۆلەتنىڭ مۇھىم يېشىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىشىشىقلاپ ئىشلەش، توشۇش بازىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، «ھەم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ياخشى ھوسۇل ئېلىش، ھەم ياخشى سېتىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ھەم مەھسۇلاتنى، ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىچكى موڭغۇل موڭغۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۇرۇشتىكى كۇزۇر كارخانىلارنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھاياتى كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشقا بىرقەدەر زور تۆھپە قوشتى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇ شياۋلىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەتىقاتنى باشقۇرۇشتىن يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىشقا بۇرۇلۇش ياساپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق تۈزۈلمە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىشچان جەمئىيەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر