باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى تور بېكەتلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.08.19 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- ئاۋغۇست، دۆلەتلىك ئېنتىرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى بېيجىڭدا مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تور بېكەتلەرنىڭ توردىكى ئۇچۇرلارنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  سەككىز تۈرلۈك تەلەپتە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئېنتىرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور بېكەتلەر باش مۇھەررىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، باش مۇھەررىر خەۋەر ئۇچۇرلار مەزمۇنىنىڭ يېتەكلەش ۋە ئىجاد قىلىنىپ تارقىلىش پائالىيىتىگە مەسئۇل بولۇشى، باش مۇھەررىر ۋە يادرولۇق مەزمۇن باشقۇرغۇچى خادىملارنى ۋەزىپىگە قويۇش، باشقۇرۇش، باھالاش ۋە چېكىندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى لازىم؛ ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ يېتەكلىشى توغرا، ۋەقە ئېنىق، مەنبەسى ئۆلچەملىك، قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بويىچە تېخنىكا كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋەر يوللاش، تەستىقلاش سىستمىسى قۇرۇپ، توردا بىۋاستە كۆرسىتىش، سەكرىمە ئېكران قاتارلىق يېڭى مەھسۇلات، يېڭى پروگرامما، يېڭى ئىقتىدارلارنىڭ توردىكى بىخەتەرلىك باھالىشىنى كۈچەيتىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، تور بېكەتلەر يەنە ھەركۈنى 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، باھا-ئىنكاس باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئابونتلارنىڭ تىزىملىتىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مەزمۇن باشقۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاش قىلىشنى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر