- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بان كىمون يەمەندىكى توقۇنۇشىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2016.08.19 14:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 17-ئاۋغۇست باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن يېقىندا يەمەندە يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىمەن، توقۇنۇشىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىلىرىنىڭ ياراشتۇرۇش سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىمەن.
باياناتتا مۇنداق مۇنداق دېيىلىدۇ: 6-ئاۋغۇست كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يەمەن ھەمدە يەمەن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگرىلىنىدىغان رايوندىكى توقۇنۇش ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشتى، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق خەلق ئەسلىھەلىرى ئۇدا بومباردىمانغا ئۇچرىدى. يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ناجران ئۆلكىسى توپقا تۇتۇلۇپ، يەتتە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ يەمەننىڭ پايتەختى سانانىڭ شەرقىدىكى بىر ئاھالىلە تۇرالغۇسى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ توققۇز پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، بان كىمون بۇ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: بان كىمون پۇقرالارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئەمەل قىلىشنى توقۇنۇشىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سەمىگە ساقلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر