- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 100 نەچچە كىشى مۇھىتقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى
100 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى
2016.08.22 14:53 مەنبە: خەلق تورى
مەركەزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە بىر ئايلىق نەق مەيداندا نازارەت قىلىش باسقۇچى 19-ئاۋغۇست تولۇق ئاخىرلاشتى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، جياڭشى، خېنەن، گۇاڭشى، يۈننەن، نىڭشيادىن ئىبارەت سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ئورۇنلاشقانىدى.
بىر ئايدىن بۇيان، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى جايلاردا بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش دولقۇنى قوزغىدى. ھازىرغىچە، نەچچە 100 كىشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق سالغانلىقى ۋە مۇھىتنى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ جەرىمانە سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى؛ سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن 2000 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، كۆپىنچىسى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالاندى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر