سۈرەتتە: سىلىنىۋاتقان بېيجىڭ چاۋياڭ رايۇنى CBD مەركىزىي رايونىدىكى"جۇڭگو جام" (ئوڭ تەەرپتىكى ئەڭ ئىگىز ئىمارەت، 14- ئاۋغۇست تارتىلغان سۈرەت)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشىچە، سېلىنىۋاتقان بېيجىڭ چاۋياڭ رايۇنى CBD مەركىزىي رايونىدىكى "جۇڭگو جام" 68 قەۋەتكە يەتكەن بولۇپ، ھازىرقى ئىگىزلىكى 330 مېتىردىن ئېشىپ، بىر بۆسۈش ھاسىل قىلدى، يەنى، ئۇنىڭ ئىگىزلىكى جۇڭگو خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ 3- بىناسىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، بېيجىڭدىكى بىرىنچى ئېگىز ئىمارەتكە ئايلاندى، ئۇنىڭ 528 مېتىرلىق ئومۇمىي ئىگىزلىكىگە يەنە 40 قەۋەت ئېگىزلىك قالدى.
"جۇڭگو جام" قۇرۇلۇش تۈرى بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايۇنى CBD مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلۈمى 437 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 528 مېتر، ئا دەرىجىلىك خىزمەت بىناسى، يىغىن ئېچىش ئورنى، ساياھەت قىلىش ۋە تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ئىقتىدارى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە : خەلق تورى