- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭدىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ
2016.08.18 08:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسىدە بېيجىڭ شەھىرىدە «داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت سادىر قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىش» بىر يىللىق مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. سەھىيە ۋە ج خ قاتارلىق كۆپ تارماق بىرلىشىپ، قىسمەن رايونلاردىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىكەن. چەكلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ داۋالاش ئورگانلىرىغا كىرگەنلەر بايقالغان ھامان قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلىدىكەن.
تۆنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، پايتەخت ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىكتە «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت سادىر قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش لايىھەسى ئۇقتۇرۇشى»نى بېسىپ تارقاتتى. بېيجىڭ شەھىرىدە بۇ يىل 7- ئايدىن باشلاپ، بىر يىل قەرەللىك داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت سادىر قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇ ئايدىن باشلاپ 2014- يىلى 4- ئايغىچە مەركەزلىك تۈزەش باسقۇچى بولىدۇ. بۇ يىل 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن، ھەر قايسى رايونلار رايونغا قاراشلىق داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ داۋالاشقا چېتىشلىق دىلولىرىنى رەتلەشنى تاماملايدۇ، چوڭ دىلولار يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا مەلۇم قىلىنىپ، مەخسۇس بىجىرىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر