باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋر روھىغا كۆڭۈل بۆلۈش

ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى رېئاللىققا قاراپ ئۆزگەرمەكتە

(ئەدەبىياتتىكى يېڭى كۆزىتىش)

2016.08.19 15:03   مەنبە: خەلق تورى

ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى رېئاللىققا قاراپ ئۆزگەرمەكتە

  11- نۆۋەتلىك (2012- 2015- يىلللىق) مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»نى باھالاپ بېكىتىپ چىقىش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى، شىنجاڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى غەيرەت ئاسىمنىڭ رومانى «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» قاتارلىق 24 ئەسەر ۋە چىڭخەيلىك زاڭزۇ تەرجىمان جېرمە دوجې قاتارلىق ئۈچ تەرجىمان مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ ئەسەرلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى كۆزەتكەندە، بىر روشەن ئۆزگىرىشنى ۋە ئالاھىدىلىكنى بايقىغىلى بولىدۇ، يەنى، ھازىر زور بىر تۈركۈم يازغۇچىلار زامانغا ئاڭلىق يۈزلىنىپ، دەۋرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، دەۋرىمىزدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ھالىتى، ھەمدە قەلب دۇنياسى ۋە روھىي قىياپىتىگە ئېلىپ كەلگەن زور زەربىسى ۋە داۋالغۇشىنى تېخىمۇ كۆپ تەسۋىرلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.

  جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسى تەسۋىرلەش

  رومان بىر دەۋرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. خۇبېي تۇجيا مىللىتىدىن چىققان يازغۇچى لى چۈەنفىڭنىڭ «ئاق يولۋاس قورولى» دىگەن رومانىدا، 2008- يىلى دۇنياۋى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇرتداشلىرىنى يېتەكلەپ، ئورتاق بېيىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىسى بايان قىلىنغان. بۇنى، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئارقىدا قالغان قالاق رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن، تاغلىق يېزىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن مۇنەۋۋەر ئەسەر، دېيىشكە بولىدۇ.

  ئەدەبىي ئاخبارات رېئال تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن بىر خىل ئەدەبىي ژانىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى، رېئاللىقنى تېز ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى رېئاللىققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، جەمئىيەتكە يېقىنلىشىپ، رېئالىزملىق ئۇسۇل بىلەن ئۇلۇغ دەۋرىمىزدىكى ئەمەلىيەتنى تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە، بولۇپمۇ جۇڭگو ئارزۇسى باش تېما قىلىنغان ئىجادىيەت نەتىجىلىرى گەۋدىلىك بولماقتا. 2013- يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خۇايۈەن ناھىيەسى پەيبى يېزىسىدىكى شىبادۇڭ كەنتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خۇنەن مياۋزۇ يازغۇچىسى لوڭ نىڭيىڭ يازغان «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش - شياڭشى نامراتلارنى يۆلەش خاتىرىلىرى»دە، قەلىمىنى شىبادۇڭ كەنتىگە توغرىلاپ، شۇ ئۆلكىنىڭ خۇايۈەن ناھىيەسى، فېڭخۇاڭ ناھىيەسى، گۇجاڭ ناھىيەسى، باۋجىڭ ناھىيەسى قاتارلىق جايلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ نەچچە ئەۋلادقىچە قەتئىي بوشاشماي، نامراتلىققا قارشى كۈرەش قىلىش تارىخىي مۇساپىسىنى جانلىق تەسۋىرلەپ چىققان، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خۇنەن ئۆلكىسى ۋە خۇنەننىڭ غەربىدىكى رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرۈلگەن ياخشى نەتىجىلەرنى ئالاھىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. پۈتۈن كىتابتا جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشتەك دەۋر روھى تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن تەرغىپ قىلىنغان. گۇيجۇدىكى يىزۇ يازغۇچى دەي شىچاڭ يازغان «تاشنىمۇ چېچەكلىتىدىغان ئىنتىلىشچان ئادەم»دە، گۇيجۇنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شىڭيى شەھىرى ۋەنفېڭ چىڭلىندىكى «تاشلىق كەنت» لىڭدوڭ كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تارىخى سۈرەتلىنىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك «گۈيجۇ روھى» ئىپادىلەنگەن.

  دۆلەت قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان پەيتتە، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى دائىم قەتئىي ھالدا ۋەتەن ۋە خەلق بىلەن بىللە تۇرۇپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولدى. يۈننەندىكى بەيزۇ مىللىتىنىڭ ئايال يازغۇچىسى ياڭ لى يازغان «يېرىق بەلباغدىكى يېرىق» بولسا، 2014 ـ يىلى «3- ئاۋغۇست»تا يۈز بەرگەن لۇدىيەندىكى يەر تەۋرەشكە ئائىت جانلىق خاتىرىلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئازادلىق ئارمىيە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە خادىملىرىنىڭ باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىك بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانى تەسىرلىك ۋە جانلىق بايان قىلىنغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغۋار روھى تەرغىپ قىلىنغان. چىڭخەيدىكى زاڭزۇ يازغۇچى گۇيۆ يازغان «يۈشۇدىكى ھايات-ماماتلىق كىتاب»دا، 2010- يىلى يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ياردەم بېرىش ئەھۋالى سۈرەتلىنىپ، يۈشۇنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىدەك غايەت زور ئۆزگىرىشى سىرتقا دۇنياغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىنغان.

  دەۋر بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش

  خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە قوش تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى غەيرەت ئاسىم «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» دىگەن رومانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تىل بىلەن ئىپادەىلەش ئۇسۇللىرىدىن، جۈملىدىن نۇرغۇنلىغان ئوبرازلىق ۋە جانلىق ئوخشىتىشلار، سىمۋوللار ۋە ئومۇمىي تۇيغۇ قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، خەنزۇچە بىلەن ئۇيغۇرچە گىرەلەشكەن بىر خىل يېزىقنى قوللىنىپ، ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ كەتكەن ئەپتى-بەشرىلىرىنى سۈرەتلەپ، پېرسوناژنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىپ، ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى كېلىشىش ۋە ئىناقلىق، ئادەمنىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مەنىۋى ھاياتىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق زور دەۋر تېمىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، يەنى، ئۇ ئەسەر ناھايىتى كۈچلۈك پەلسەپىۋى ئىدراك ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەن تولغان، رېئاللىق تەسۋىرلەنگەن بۇ ئەسەر ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ مۇھىم بىر مەھسۇلى.

  گۇاڭشىدىكى جۇاڭزۇ ئايال يازغۇچى تاۋلىچۈننىڭ ھېكايە-پوۋسىتلار توپلىمى «ئانىنىڭ ئارىلى»دا، فوكۇسنى يېزا، يەر-زىمىن ۋە يۇرتداشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى قاتارلىقلارغا توغرىلاپ، تېرىلغۇ ۋە دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن. ئەسەر جەنۇبىي رايونلارنىڭ بىر قەدەر روشەن بولغان يەرلىك تۈسىنى ئالغان. نىڭشيالىق ياش خۇيزۇ ئايال يازغۇچى ما جىنلىيەننىڭ پوۋېستى «ئۇزۇن دەريا»دا، كۈندىلىك ھاياتتىكى بايان قىلىش شەكلى ئارقىلىق، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شىخەيگۇ رايونىدىكى خۇيزۇلارنىڭ «ھايات-مامات مەيدانى» تەسۋىرلىنىپ، مىللىي قائىدە-يوسۇن ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلار ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئەسەرنىڭ تىلى ئاددىي بولغان بىلەن، مول بولغان ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە. يۈەننەندىكى ناشى مىللىتىدىن چىققان ئايال يازغۇچى خى شياۋمېينىڭ ھېكايە-پوۋسىتلار توپلىمى «چوقان يېتىپ بارالايدىغان ئارىلىق»دا، رېئالىزملىق ۋە زامانىۋىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسلۇب ئارقىلىق، ناشى مىللىتىدىكى يۇرتداشلاردىن شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدا يۆتكىلىپ يۈرىدىغانلىرىنىڭ مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، مىللىي مەدەنىيەت بىلەن ئاياللارنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىنى ناھايىتى ياخشى تۇتاشتۇرغان.

  مىللىي تىل-يېزىقتىكى ئىجادىيەت جەھەتتە، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىمۇ رېئاللىققا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋىر ئۆزگىرىشىنى تەسۋىرلىگەن. چىڭخەيلىك زاڭزۇ يازغۇچى دىغىن بىمجانىڭ زاڭزۇ تىلىدىكى پوۋېستلار توپلىمى «قار ياغمىغان قىش»دا، رېئالىزملىق ئۇسلۇب ئارقىلىق، ئۆزى تونۇش بولغان زاڭزۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تەپسىلىي، يوشۇرۇن ۋە جانلىق قەلىمى بىلەن تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ ياشاش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئويلانغان. كۆيۈمچانلىققا ۋە ھېسداشلىققا تولغان نەزىرى بىلەن، ھەر بىر ئاددىي كىشىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئاچچىق-چۈچۈكلەرنى سۈرەتلەپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تاغلىق كىچىك بازارنىڭ بىرمۇنچىلىغان تۇرمۇش كارتىنىسىنى سىزىپ چىققان. شىنجاڭلىق قازاق يازغۇچى نۇرۇيلا قىزىقان قىزىنىڭ قازاق تىلىدىكى ھېكايە-پوۋسىتلار توپلىمى «بەختنىڭ ھىدى»دە، جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە، دەۋر ئۆزگىرىشلىرىگە ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۆپ خىللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنگە، ھەمدە چەت ۋە يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ھايات مۇساپىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈپ، شېئىرىي ھېسسىياتقا تولغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشنىڭ ئارقىسىدىكى جاپا-مۇشەققەتنى ۋە كىشىلەرنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى قېزىپ چىقىرىپ، بۇرچ، ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش قاتارلىق ئاساسىي تېمىنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئەسەرنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق بولۇپ، تىلنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي روھنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

  ئوبرازى جانلىق بولغان يېڭى پېرسوناژلارنىڭ يارىتىلىشى

  پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەش ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. «ئاق يولۋاس قورولى»دا، ياۋ مېيزى (كەنجى سىڭىل)، چۈنخۇا، چىيۇيۆ قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش ئاياللار ۋەكىللىكىدىكى بىر ئەۋلاد يېڭى كىشىلەرنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلىدىغان يېڭىچە دېھقانلار دېيىشكە بولىدۇ. «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى»دىكى ئەيسا چاققان، ۋاڭ رىن دوختۇر، جۇرئەت خوراز، ياقۇپ يالاقچى، «ئانىنىڭ ئارىلى»دىكى ئانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوبرازى روشەن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەخلاققا ئىگە پېرسوناژلاردۇر.

  ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە تەرجىمىھال مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جانلىق ۋە كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. جياڭشىدىكى مانجۇ يازغۇچى پۇگۇ يازغان «ماۋ زېتەننىڭ مېيىتىنى مۇھاپىزەت قىلغان قىزىل ئارمىيە قىزى»دا، يۈز ياشلىق ئەڭ قېرى بىر ئايال قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى جاڭ گۇيچىڭنىڭ ئوبرازى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن. بۇ ئاددىي، ئەمما ئالىيجاناب روھقا ئىگە موماي ماۋ زېتەننىڭ كىچەكلىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىسىنى77 يىل قوغدىغان. شىزاڭلىق بەيزۇ يازغۇچى ياڭ نىيەنخۇا يازغان «دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغان ئامالا» (دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغان ئاپا)دا، دۆلەت چېگراسى بويىدا ياشايدىغان زاڭزۇ چوڭ ئانىنىڭ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ھېكايە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى تەرغىپ قىلىنغان. جىلىن يەنبيەن چاۋشيەن مىللىتىدىن بولغان يازغۇچى لى خۇيشەن چاۋشيەن يېزىقىدا يازغان تەرجىمىھال ئەسەر «جېڭ لۈيچىڭنىڭ تەرجىمىھالى»، خېنەندىكى مياۋزۇ يازغۇچى خۇ يۈشىن يازغان «ئۇستازنىڭ سايىسى»، خۇيزۇ يازغۇچى خۇاڭ شۈدوڭ يازغان «لاۋ دىڭدانىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، ئۆزىگە خاس قىممىتى بار.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە نەزەر سالىدىغا بولساق، ئۇنىڭدىكى بىرىنچى چوڭ تايىنىش نۇقتىسى بولسا رېئاللىق، ئۇنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ بىرى بولسا، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ شەخىسنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى رولىنى ئىپادىلەش، ھەمدە تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگو روھىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئەدەبىياتنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە رايون ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى رېئاللىققا يۈزلىنىشتىكى ياخشى كەيپىياتنى ھازىرلىدى، ھەمدە روشەن ھالدىكى رېئالىي يۆنىلىشچانلىققا ئىگە، شۇڭا ئۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە ھىسسىيات ساداسىنى پەيدا قىلالىغۇسى. (مەرھابا ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىن ئىخلاسىمىز ۋە مېھرىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولىمىز
    ·شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىچكى ئۆلكىلەرگە 1866 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى 
    ·ئەردوغان تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى
    ·قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى كېلەر يىلى 1 – ئايغىچە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئايدىڭ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىززىق لېنىيە تېلېفونى ئېچىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشىنىڭ ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى
    ·«مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلىم ئىشلىرىدىكى چوڭ تۈرلەرنى تۇرغۇزۇش، باشقۇرۇش چارىسى» چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ئۇدا بەش يىل مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى