خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم پىيادىلەر دېۋىزىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى «قىزىل ئارمىيە دېۋىزىيە روھى ھەيكەللىرى» ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەرمەكتە (2016-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
ئۇرۇش يىللىرىدا، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە بارلىققا كەلگەن بۇ قىزىل ئارمىيە قىسمى جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن «پۇت تىققۇدەك ماكان» بەرپا قىلدى؛ تىنچلىق يىللىرىدا، ئۇلار چېگرانى قوغداشتەك بۈيۈك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، غەربىي رايوندىكى كەڭ زېمىندا ساداقەت ئابىدىسى تىكلىدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم پىيادىلەر دېۋىزىيەسىنى 1932- يىلى 3- ئايدا ليۇ جىدەن، شيې زىچاڭ، شى جوڭشۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پرولتارىيات ئىنقىلابچىلىرى قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، ئۇ نۆۋەتتە پۈتۈن ئارمىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر دېۋىزىيە تۈزۈمىدىكى شىمالىي شەنشى قىزىل ئارمىيە قىسمى. ئالتە دانە مىلتىق بىلەن قىزىل ئارمىيە قۇرۇشتىن 30 نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقىچە، بۇ دېۋىزىيە باشتىن ئاخىر پارتىيە ۋە خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك قەتئىي ئىدىيەنى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ قان-تومۇرىغا سىڭدۈرۈپ، قىزىل ئارمىيە روھى بىلەن قىزىل ئارمىيە ئەۋلادلىرىنىڭ ھەقىقىي خىسلىتىنى تاۋلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى