خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- ئاۋغۇست، ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا دۆلەت بايرىقىنى بايراقدارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
شۇ كۈنى، ھىندونېزىيە مۇستەقىللىكىنىڭ 71 يىللىق خاتىرە كۈنى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىكى ھىندونېزىيەنى ياپونىيە ئارمىيەسى ئىشغال قىلىۋالغان. 1945- يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيە رەھبەرلىرى سۇكارنو ۋە مۇھەممەد خادا شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 17 - كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى