باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش بويىچە 19160 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2016.08.18 13:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ 17-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى يېقىندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 19160 مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، 26900 كىشىنى جازالىغان، 20159 كىشىنى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالىغان. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئۈچ تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات ئايرىم-ئايرىم ھالدا %37.6، %44.1، %77.6 ئاشقان. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆت قېتىم 19 تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىغان، بۇنىڭغا ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى كادىردىن بەشى چېتىلغان.

  مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن قارىغاندا، ساقلانغان مەسىلىلەر كۆپ، ئېشىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەر ئىچىدە، 2013-يىلى يۈز بەرگەن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى %38.8نى، 2014-يىلى يۈز بەرگىنى %15.9نى، 2015-يىلى يۈز بەرگىنى %25.9نى، 2016-يىلى يۈز بەرگىنى %19.3نى ئىگىلىگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە 2015-يىلدىن كېيىن يۈز بەرگىنى %45.2نى ئىگىلىگەن. بۇ بىر جەھەتتىن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئارقىغا بارغانسېرى تېخىمۇ قاتتىق قول بولغانلىقىنى، يەنە بىر جەھەتتىن شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنىڭ يەنىلا گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر