باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19 ئۆلكە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى

كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2016.08.22 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىشىۋاتىدۇ. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە 19 ئۆلكە بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى يولغا قويغان، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى بىر خىل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى ۋە ئاتچوت قىلىش نىسبىتىدىن بەھرىلىنىدىكەن.

  بۇ يىل 1-ئايدا، «گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشى، ھەر قايسى غەملىگۈچى رايونلار 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

  ھازىرغىچە، 19 ئۆلكە ھۆججەت ئېلان قىلىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، تيەنجىن، شاڭخەي، جېجياڭ، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، نىڭشيا، چىڭخەي ۋە شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى گوۋۇيۈەن ھۆججەت ئېلان قىلىشتىن بۇرۇنلا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان، خېبېي، خۇبېي، ئىچكى موڭغۇل، جياڭشى، شىنجاڭ، خۇنەن، بېيجىڭ، گۇاڭشى، شەنشى، فۇجيەنلەر ئالدىنقى يېرىم يىلدا ھۆججەت ئېلان قىلىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 13 ئۆلكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەييارلاۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر