- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گابون زۇڭتۇڭ سايلىمىغا 27-ئاۋغۇست ئاۋاز بېرىلىدۇ
2016.08.19 14:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گابون زۇڭتۇڭ سايلىمىغا 27-ئاۋغۇست ئاۋاز بېرىلىدۇ، سايلام ۋەزىيتى بارغانسېرى ئېنىق بولدى، بۇ دۆلەتتىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ ئىككى مۇھىم ئەربابى گۇي نىزوبا نىداما بىلەن كاسىمىر ئويې مبا نامزاتلىق ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، سايلىغۇچىلارنى ژان پىننى قوللاپ، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئەلى بونگىغا تاقابىل تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆكتىچىلەر لاگىرى يېقىندا لىبرىۋېلدا بۇ ھەقتە رەسمى كېلىشىم ھاسىل قىلغان، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ژان پىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن تەييارلىق قىلىپ قويدۇم، ئاۋاز ساندۇقى ئارقلىق گابون زۇڭتۇڭى بىلەن رىقابەتلىشىمەن.
ژان پىن 1942-يىلى 11-ئايدا گابوندا تۇغۇلغان، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق رئەىسى ۋە گابوننىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى جۇڭگو ۋېنجۇ شەھىرى يوڭجيا ناھىيەسىدىن بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى گابونغا كۆچمەن بولۇپ بارغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر