باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىروۋۇزلاردا تاماكا چېكىش قىلمىشىدىن 66سى سادىر بولدى

2016.08.19 13:59         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىروۋۇزلاردا يولۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىش قىلمىشىدىن 66سى سادىر بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 18 قېتىملىق تاماكا چېكىش قىلمىشىدا ئېلېكتىروۋۇزدىكى ئىس-تۈتەكتىن سىگنال بەرگۈچ سايراپ، ئېلېكتىروۋۇز سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا مەجبۇر بولغان، ج خ ئورگانلىرى بۇ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ ئېلېكتىروۋۇزدا تاماكا چەككەنلەرنى جازالاش تەدبىرىنى تۇنجى قېتىم يۈرگۈزۈشى ئەمەس ئىكەن. 2014-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «تۆمۈر يول بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا، ئېلېكتىروۋۇز گۇرۇپپىسىدا تاماكا چېكىش ياكى باشقا پويىزنىڭ تاماكا چېكىش چەكلەنگەن رايونلىرىدا تاماكا چېكىش قاتارلىق 16 خىل قىلمىش تۆمۈر يول بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق قىلمىش، دەپ بەلگىلەنگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئەھۋالىغا قارىتا «تۈزىتىشكە بۇيرۇش» بېرىش بىلەن بىرگە، شەخسكە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن پويىزدا ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر